عن أبي قتادة الحارث بن رِبْعِيِّ رضي الله عنه عن رسول الله صلى الله عليه وسلم : أَنَّهُ قامَ فيهم، فذكرَ لهم أَنَّ الجهادَ في سبيلِ اللهِ، والإيمانَ باللهِ أفضلُ الأعمالِ، فقامَ رَجُلٌ، فقال: يا رسولَ اللهِ، أرأيتَ إن قُتِلْتُ في سبيلِ اللهِ، تُكَفَّرُ عَنِّي خَطَايَايَ؟ فقالَ له رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «نعم، إنْ قُتِلْتَ في سبيلِ اللهِ، وأنتَ صَابِرٌ مُحْتَسِبٌ، مُقْبِلٌ غَيْرُ مُدْبِرٍ». ثم قال رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «كَيْفَ قُلْتَ؟» قال: أَرَأَيتَ إنْ قُتِلْتُ في سَبِيلِ اللهِ، أَتُكَفَّرُ عَنِّي خَطَايَايَ؟ فقالَ له رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «نعم، وأنتَ صَابِرٌ مُحْتَسِبٌ، مُقْبِلٌ غَيْرُ مُدْبِرٍ، إلا الدَّيْنَ؛ فَإنَّ جِبْرِيلَ -عليه السلام- قالَ لِي ذَلِكَ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىۋىدى، بىر كىشى قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرىلەمدۇ؟ بۇ توغرىلىق ماڭا خەۋەر بەرگىن! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ»دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانداق دېدىڭ»دېدى، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:««ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ قەرزدىن باشقا گۇناھلىرىڭ ئەپۇ قىلىنىدۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ھازىرلا بۇ توغرىلىق دەپ بەردى»دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خۇتبە سۆزلەپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھغا ئىشىنىشنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى، بىر كىشى قوپۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ ھەممە گۇناھىم كەچۈرۈلۈپ كىرەمدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە، لېكىن سەن يەتكەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋىر قىلىپ، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، جىھاد مەيدانىدىن چېكىنمەستىن ئۇرۇش قىلساڭ» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپارەت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ