عن علي رضي الله عنه قال: سمعتُ رسولَ اللهِ صلى الله عليه وسلم يقول: « مَا مِنْ مُسْلِم يَعُودُ مُسْلِماً غُدْوة إِلاَّ صَلَّى عَلَيْهِ سَبْعُونَ ألْفَ مَلَكٍ حَتَّى يُمْسِي، وَإنْ عَادَهُ عَشِيَّةً إِلاَّ صَلَّى عَلَيْهِ سَبْعُونَ ألْفَ مَلَكٍ حَتَّى يُصْبحَ، وَكَانَ لَهُ خَرِيفٌ في الْجَنَّةِ».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر مۇسۇلمان يەنە بىر بىمار مۇسۇلمان بۇرادىرىنى ئەتتىگەندە زىيارەت قىلسا، يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەچكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، كەچتە يوقلىسا يەتمىش مىڭ پەرىشتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان خورمىلار بولىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان كېسەل بولۇپ قالغان قېرىندىشىنى يوقلىسا، ئۇ جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر، بۇ ھەدىس كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەتتىگەندە يوقلىسىمۇ شۇنداق ئەجىر ۋە كەچتە يوقلىسىمۇ شۇنداق ئەجىر بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ