ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان
عربي الإنجليزية الأوردية
رامىزاندا ئۆمرە قىلىش، (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەككە پەتھىدىن كېيىن ھىجرەت يوق، لېكىن جىھاد ۋە ئۇنىڭغا نىيەت قېلىش مەۋجۇتتۇر، ئەگەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلبىيەدە مۇنداق دەيتى: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى ئىير تېغىدىن سەۋىر تېغىغا قەدەر ھارام قىلىندى، كىمكى بۇ يەردە شەرىئەتتە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلسا ياكى بىر بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى دانە، (قارا- ئاق) رەڭلىك ۋە مۈڭگۈزلۈك قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بولۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مىنادىكى چوڭ تاش يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچقا: چېچىمنى چۈشۈر! دەپ، ئاۋۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى كۆرسەتتى، ئاندىن چېچىنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا قانداق ماڭاتتى؟، «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بەش تۈرلۈك ھايۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناچاردۇر، ئۇلار ھەرەم دائىرسىدىمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىتتىن ئىبارەت
عربي الإنجليزية الأوردية
كۆينەك، سەللە، ئىشتان، پەرنچە، ئۆتۈك، كەيمەيدۇ، پەقەت ئايىقى يوق كىشىلا ئۆتۈكنىڭ قونجىنى ئوشۇقتىن تۆۋەنرەك كېسىۋېتىپ كېيسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېگەندە ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېدى، رەسۇلۇللاھ «يەنىلا»: ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېۋىدى، ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: قىسقارتقانلارغىمۇ ھەم رەھمەت قىل دەپ دۇئا قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇككاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەنلەر جاھىلەت دەۋرىدىكى بازارلار ئىدى، كىشىلەر ھەج مەۋسۇملىرىدا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە 198-ئايەت
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى ئىستىلام (يەنى يېقىن بارالىسا سۆيۈش، يىراقتا بولسا ئىشارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) قىلغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلغىلى كەلدۇق، بىز ھەجگە تەلبىيە ئېيتىۋاتاتتۇق(يەنى نىيەت قىلىۋاتاتتۇق)، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، بىز نىيىتىمىزنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية