ھەدىسلەر تىزىملىكى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق
عربي الإنجليزية الأوردية