عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ حَجَّ، فلَمْ يَرْفُثْ، وَلم يَفْسُقْ، رَجَعَ كَيَوْمَ وَلَدْتُهُ أُمُّهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلسا، ھەج پائالىيەت جەريانىدا يامان سۆز، ناچار ئىش-ھەرىكەت ۋە گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ ھەجدىن خۇددى يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاق گۇناھتىن پاك بولغاندەك گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ قايتىدۇ. ھەج ئىبادىتى بارلىق كېچىك گۇناھ-خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدۇ، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ