ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رامىزاندا ئۆمرە قىلىش، (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېگەندە ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېدى، رەسۇلۇللاھ «يەنىلا»: ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېۋىدى، ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: قىسقارتقانلارغىمۇ ھەم رەھمەت قىل دەپ دۇئا قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية