عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: « تَمَتَّعَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فِي حَجَّةِ الوَدَاع بالعُمرَة إلى الحج وأهدَى، فَسَاقَ مَعَهُ الهَدْيَ مِن ذِي الحُلَيفَة، وَبَدَأَ رَسول اللَّهِ صلى الله عليه وسلم وَأَهَلَّ بالعمرة، ثُمَّ أَهَلَّ بالحج، فَتَمَتَّعَ النَّاس مع رسول اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَأَهَلَّ بالعمرة إلَى الحج، فَكَان مِن النَّاس مَنْ أَهْدَى، فَسَاقَ الهَدْيَ مِن ذي الحُلَيفَة، وَمِنهُم مَنْ لَمْ يُهْدِ، فَلَمَّا قَدِمَ رسول اللَّه صلى الله عليه وسلم قَالَ للنَّاس: مَنْ كَانَ مِنكُم أَهْدَى، فَإِنَّهُ لا يَحِلُّ مِن شَيء حَرُمَ مِنْهُ حَتَّى يَقْضِيَ حَجَّهُ، وَمَن لَم يَكُن أَهْدَى فَلْيَطُفْ بالبَيت وَبالصَّفَا وَالمَروَة، وَلْيُقَصِّر وَلْيَحْلِل، ثُمَّ لِيُهِلَّ بالحج وليُهدِ، فَمَن لم يجد هَدْياً فَلْيَصُم ثَلاثَةَ أَيَّام فِي الحج وَسَبعة إذَا رَجَعَ إلى أَهلِهِ فَطَافَ رسول اللَّهِ صلى الله عليه وسلم حِينَ قَدِمَ مَكَّةَ، وَاستَلَمَ الرُّكْنَ أَوَّلَ شَيْءٍ، ثُمَّ خَبَّ ثَلاثَةَ أَطْوَافٍ مِنْ السَّبْعِ، وَمَشَى أَربَعَة، وَرَكَعَ حِينَ قَضَى طَوَافَهُ بالبيت عِند المَقَام رَكعَتَين، ثُمَّ انصَرَفَ فَأَتَى الصَّفَا، وطاف بِالصَّفَا وَالمَروَة سَبعَةَ أَطوَاف، ثُمَّ لَم يَحلِل مِنْ شَيْءٍ حَرُمَ منه حَتَّى قَضَى حَجَّهُ، وَنَحَرَ هَدْيَهُ يوم النَّحرِ، وَأَفَاضَ فَطَافَ بالبيت، ثُمَّ حَلَّ مِن كُلِّ شَيء حَرُمَ مِنهُ، وَفَعَلَ مِثل مَا فَعَلَ رَسول اللَّه صلى الله عليه وسلم : مَن أَهدَى وَسَاقَ الهَديَ مِن النَّاسِ». «رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم حِينَ يَقْدَمُ مكَّة إذا اسْتَلَمَ الرُّكْنَ الأَسْوَدَ -أَول ما يَطُوفُ- يَخُبُّ ثَلاثَةَ أَشْوَاطٍ».
[صحيح] - [متفق عليه بروايتيه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىر سەپەردە بىرلەشتۈرۈپ تەمەتتۇئ (بۇنداق قىلغاننى، يەنە قىران دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما بىر تەرەپتىن بۇمۇ تەمەتتۇئقا ئوخشىغاندىكىن بۇ يەردە تەمەتتۇئ دەپ ئاتىدى) قىلدى ۋە قۇربانلىق قىلدى. قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىپ، ئاندىن ھەجگە ئېھرام باغلىدى. سەھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەمەتتۇئ قىلىشتى. كىشىلەردىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلگەنلىرى ۋە قۇربانلىقى يوقلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندە كىشىلەرگە ئېيتتى: سىلەردىن قۇربانلىق ھەيدەپ كەلگەنلەر بولسا، ھەج تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھېچبىرى ھالال بولمايدۇ. قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر، كەبىنى ۋە ساپا-مەرۋىنى تاۋاپ قىلسۇن ۋە چېچىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقسۇن! ئاندىن (ۋاقتى كەلگەندە) ھەجگە ئېھرام باغلىسۇن ۋە قۇربانلىق قىلسۇن. قۇربانلىق تاپالمىغانلار، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلىسۇن!. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىدى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭدى، تۆت قېتىملىقىنى نورمال ماڭدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇ يەردىن ساپا - مەرۋەگە كېتىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۆزىگە ئېھراملىقتا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھىچبىرىنى ھەج تۈگىگىچە ھالال قىلمىدى. قۇربانلىق كۈنى قۇربانلىقىنى بوغۇزلىدى. ئۇ يەردىن كەبىگە قايتىپ تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالال قىلدى. كىشىلەردىن قۇربانلىقلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ قۇربانلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغاچ كەبە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالىشىش ھەججىنى قىلغىلى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ رىسالىتىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئۇلارنى گۇۋاھچى قىلغىلى، مەدىنە ئەھلىنىڭ مىيقاتىغا چىققاندا، ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەج قىران قىلغان ئىدى، ھەج قىران دېگەنمۇ بىر تەرەپتىن ھەج تەمەتتۇئقا ئوخشايتتى. كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەج تەمەتتۇئ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەج ۋە ئۆمرە ئىككىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى (ھەج قىران) ۋە بەزىسى ئۆمرە تۈگەتكەندىن كېيىن ھەج قىلىشقا قايتا ئېھرام باغلاش نىيىتى بىلەن ئۆمرىگىلا ئېھرام باغلىدى (ھەج تەمەتتۇئ) ۋە بەزىسى پەقەت ھەجگىلا ئېھرام باغلىدى(ھەج ئىفراد). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇ ئۈچ خىل پائالىيەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بەزى ساھابىلار قۇربانلىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يېقىن كەلگەندە، ھەج ئىفراد، ۋە ھەج قىران قىلغان ئەمما قۇربانلىق مال ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى، بۇ ئېھراملىرىنى بۇزۇپ پەقەت ئۆمرىگىلا نىيەت قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارغا ئۆمرىدىن كېيىنلا چاچلىرىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىشلىرىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھەجگە ئايرىم ئېھرام باغلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر سەپەردە ئىككى ئىبادەتنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. قۇربانلىق تاپالمىغانلار ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم بولۇپ، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇتىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپ باشلاشتىن بۇرۇن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىدى، بۇ كەبىگە كېلىش تاۋىپى بولغاچقا تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ، ۋە تۆت قېتىملىقىنى نورمال مېڭىپ قىلدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ساپا-مەرۋەگە كېلىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم ماڭدى. ئىككى بەلگىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ، باشقا يەردە نورمال ماڭدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەتتا ھەج تۈگەپ، قۇربانلىق كۈنى مال بوغۇزلاپ بولغىچە ئېھرامدىن چىقمىدى. ھەجنى تۈگىتىپ، قۇربانلىقىنى بوغۇزلاپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ۋە بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندا، ئېھرامدىن كىچىك چىقىش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى چاشكا ۋاقتىدا كەبىگە قايتتى ۋە ھەجنىڭ پەرز تاۋىپىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدىكى ۋاقىتتا ھارام بولغان پۈتۈن ئىشلارنى ھالال قىلدى. سەھابە كىراملاردىن ھەج ئۈچۈن ھەدىيە ھەيدەپ كەلگەن كىشىلەر رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ