ھەدىسلەر تىزىملىكى

كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا قانداق ماڭاتتى؟، «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى ئىستىلام (يەنى يېقىن بارالىسا سۆيۈش، يىراقتا بولسا ئىشارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) قىلغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ
عربي الإنجليزية الأوردية