عن عائشة رضي الله عنها قالت: خرجنا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم لا نَذْكُرُ إلا الحج، حتى جِئْنَا سَرِف فَطَمِثْتُ، فدخل عليَّ رسول الله صلى الله عليه وسلم وأنا أبْكِي، فقال: «ما يُبْكِيك؟» فقلت: والله، لوَدِدْتُ أنَّي لم أكُن خرجت العَام، قال: «ما لك؟ لَعَلَّكِ نَفِسْتِ؟» قلت: نعم، قال: «هذا شيء كَتَبه الله على بنات آدم، افعلي ما يفعل الحاج غير أن لا تَطُوفي بالبيت حتى تَطْهُري» قالت: فلمَّا قدمت مكة، قال رسول الله صلى الله عليه وسلم لأصحابه «اجْعَلُوها عُمرة» فأحَلَّ الناس إلا من كان معه الهَدْي، قالت: فكان الهَدْي مع النبي صلى الله عليه وسلم وأبي بكر وعمر وذَوِي اليَسَارَة، ثم أهَلُّوا حين راحُوا، قالت: فلمَّا كان يوم النَّحر طَهَرْت، فأمَرَني رسول الله صلى الله عليه وسلم فَأَفَضْتُ، قالت: فَأُتِيَنَا بِلَحم بَقَر، فقلت: ما هذا؟ فقالوا: أَهْدَى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن نِسَائه البقر، فلمَّا كانت ليلة الحَصْبَةِ، قلت: يا رسول الله، يرجع الناس بحجة وعُمرة وأرجع بِحَجَّة؟ قالت: فأمر عبد الرحمن بن أبي بكر، فَأَرْدَفَنِي على جَمَلِه، قالت: فإني لأذْكُر، وأنا جَارية حَدِيثَةُ السِّن، أَنْعَسُ فيُصِيب وجْهِي مُؤْخِرَة الرَّحْل، حتى جِئْنَا إلى التَّنْعِيم، فَأَهْلَلْتُ منها بِعُمْرة؛ جزاء بِعُمْرَة الناس التي اعْتَمَرُوا.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقتۇق، مەن "سەرىپ" دېگەن جايغا كەلگىنىمىزدە، ھەيز كۆرۈپ قالدىم، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كېرىپ: نېمىشقا يىغلايسىز؟ دېدى، مەن: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەج قىلمىغان بولسامكەن، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ» دېدى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «ئۆمرە قىلىڭلار» دېدى، قۇربانلىق ھەدىيە ھەيدەپ كەلمىگەن كىشىلەر ئىھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا بىر قىسىم ساھابىلار بىلەن ھەدىيە ئۇلاغلىرى بار ئىدى، تەمەتتۇئ قىلغانلار مىناغا چىقىدىغان كۈنى ھەجگە ئىھرام كەيدى، قۇربان ھېيت كۈنى(نەھرى كۈنى)مەن ھەيزدىن پاك بولدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن پەرز تاۋاپنى قىلدىم، كەچتە بىزگە كالا گۆشى ئېلىپ كېلىندى، مەن: نېمە گۆش؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان، شۇنىڭ گۆشى دېدى، قايتىدىغان كۈنى كېچىدە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتىدۇ، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرىدى، ئۇ مېنى تۆگىگە مىنگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى، مېنىڭ يىشىم كېچىك بولغاچقا ئېسىمدە قىلىشچە مۈگۈدەپ قالدىم، يۈزۈم تۆگىنىڭ چۈلۋۈرىغا تىگەتتى، ھەتتا بىز تەنئىمغا كەلدۇق، ئۇ يەردىن ئۆمرە نىيىتى ئۈچۈن ئىھرامغا كىردىم، بىرگە كەلگەن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئۆمرە قىلدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن پەقەت ھەجنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدۇق، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن زۇلقەئدە ئېيى ئاخىرلىشىشقا بەش كۈن قالغاندا پېشىن نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇپ يولغا چىققان، زۇلھۇلەيپىگە كېلىپ ئەسىر نامىزىنى ئىككى رەكەت قەسىر ئوقۇغان. ھەدىستە: «بىز پەقەت ھەجنىلا مەقسەت قىلغان» دېيىلگەن. لېكىن يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە: «بىزدىن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرگەن ۋە ھەجنى مەقسەت قېلىپ ئېھرامغا كىرگەنلەرمۇ بار ئېدى، مەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىرگەنلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىدىم» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: بىز ھەجدىن باشقىنى مەقسەت قىلمايتتۇق، ھەجدىن باشقىنى ئويلىمايتتۇق دېگەن سۆزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن خالى بولالمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ھەدىستە ھەجنىڭ تۈرىنى بايان قىلماستىن ئەسلى بولغان پەرز ھەجنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچى ھالەت: بۇنىڭدىن مىيقاتقا يېتىپ كېلىپ ئېھرامغا كىرىشتىن بۇرۇن مەدىنىدىن چىققان ۋاقتىنى مەقسەت قىلغان. ئۈچىنچى ھالەت: ئۆزىنى مەقسەت قىلماستىن باشقا ساھابىلارنى مەقسەت قىلغان.«ھەتتا بىز "سەرىپ" قا كەلدۇق» يەنى مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى سەرپ دېگەن جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ جايغا كەلگەندە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئادەت كۆرۈپ قالغان، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كىرىپ: «نېمىگە يىغلايسىز؟»دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەجگە كەلمىسەم بولۇپتىكەن دېدىم، يەنى ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن يىغلاپ بۇ يىل ئۇلار بىلەن بىرگە ھەج قىلماسلىقنى ئارزۇ قىلغان ۋە ئۆز قارىشىدا ئادەت كۆرۈپ قىلىش بىلەن ھەج ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، ھەجدىن ھاسىل بولىدىغان ياخشىلىقنى يوقىتىپ قويىمەن دەپ ئويلىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەيز كۆرۈش دېگەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئادەم قىزلىرىغا پۈتۈلگەن، تەقدىر قىلىنغان ئىش بولۇپ، يالغۇز سىزگە خاس ئەمەس ۋە ئىش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە ئەمەس، يىغلاشنىڭ زۆرۈرىتى يوق، ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، پەقەت ھەيزدىن پاك بولغاندىلا كەبىنى تاۋاپ قىلىڭ»دېدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ھەيزنىڭ ھەج ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى چەكلەپ قويمايدىغانلىقى، ئېھرامغا تەسرى بولمايدىغانلىقى، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزتەلىپىدە قونۇش، مىنادا تۇرۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھاجىلار قىلىدىغان تاۋاپتىن باشقا ئەمەللەرنى قىلىش، ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇپ كەبىنى تاۋاپ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «نىيىتىڭلارنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىڭلار» دېدى، يەنى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ھەجگە ئېھرام باغلاپ ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەجگە باغلىغان ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ئۇلار كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چاچنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىدۇ، مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزلەردىن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ئېھرامدىن چىقىپ ھالال بولۇشقا بۇيرىدى، بىز: قانداق ھالال بولىمىز؟دېسەك، تولۇق ھالال بولىسىلەر دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا ئىقتىسادى بار ھەدىيە ئىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئېھراملىق ھالىتىدە قالدى، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ھەجنى مەقسەت قىلىپ باغلىغان ئېھرامنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن بولسام، ئەلۋەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ئىشنىڭ ئوخشىشىنى قىلاتتىم». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىققان كىشىلەر زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى مىناغا ماڭىدىغان ۋاقتىدا ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ھەيزدىن پاك بولدۇم، مەن ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يۇيۇنۇپ كەبىگە بېرىپ پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن شۇنداق قىلدىم. بىزگە يەنى ئاياللارغا كالا گۆشى كەلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن: نېمە گۆش بۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان ئىدى بۇ شۇنىڭ گۆشىدىن دېدى، مىنادىن قايتىپ چۈشىدىغان كېچىسى يەنى تەشرىق كۈنلىرىدىن كېيىنكى كېچە بولۇپ، ئۇلار مىنادىن چۈشۈپ "مۇھەسسەپ" دېگەن جايغا چۈشۈپ كېچىدە شۇ يەردە ئارام ئالدى، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ جايدا ئازراق ئارام ئېلىپ ئۇخلىدى، ئاندىن ئۇلىغىغا مېنىپ بەيتۇللاھقا كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتسا، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟ يەنى ئۇلار تەمەتتۇ قىلىپ ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج قىلىپ قايتسا، مەن ئايرىم ئۆمرە قىلماي قايتىمەنمۇ؟ دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىران ھەج قىلغان بولۇپ، ھەجنىڭ نىيىتى بىلەن ئۆمرە ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: كىشىلەر قوش ئەجىر بىلەن قايتسا، مەن يالغۇز بىر ئەجىر بىلەن قايتىمەنمۇ؟دېگەن. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قالغان ئاياللىرى ۋە ساھابى ئاياللارغا ئوخشاش ھەجدىن باشقا ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇلار ھەجنىڭ ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ، ئۆمرە پائالىيتىنى تاماملاپ تەرۋىيە كۈنىدىن بۇرۇن ھالال بولۇپ ئېھرامدىن چىققان، تەرۋىيە كۈنى مەككىدىن ھەجگە ئېھرام باغلىغان، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج ھاسىل بولغان. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئۆمرە ھاسىل بولغان(يەنى قىران ھەججى)، ئايرىم ئۆمرە ھاسىل بولمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، قايتىدىغان كۈنىدە: «سىزنىڭ قىلغان سەئىيىڭىز ۋە تاۋاپىڭىز ھەججىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز ئۈچۈن ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ» دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىماي باشقا كىشىلەرگە ھاسىل بولغاندەك ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇپ مېنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈردى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاكىسى بولغان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تەنئىمغا ئېلىپ چېقىپ ئۇيەردىن ئېھرامنى نىيەت قىلدۇرۇپ ئۆمرە قىلدۇرۇشقا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بولىشىنى بۇيرىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: مەن كىچىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىسىمدە تۇتىمەن، مەن قاتتىق مۈگۈدەپ يۈزۈم تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ تەنئىمغا ماڭدى، ئۇ قاتتىق مۈگىدەپ ھەتتا قاتتىق مۈگۈدىگەنلىكتىن بېشى تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. بىز تەنئىمغا كەلدۇق، مەن ئۇ يەردىن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۆمرىگە ئېھرام باغلىدىم، يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تەنئىمغا كەلگەن ۋاقتىدا، كىشىلەر ئەۋۋەلدە قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئايرىم ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مۇشۇ ئۆمرە سىز ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى چەكلەپ قويغان ۋە ھەج بىلەن بىرگە بولماستىن ئايرىم ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۆمرىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ» دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ