عن عبد الله بن عبَّاس رضي الله عنهما قال: «أُمِرَ الناس أن يكون آخر عَهْدِهِمْ بالبيت، إلا أنه خُفِّفَ عن المرأة الحائض».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ شەرەپلىك بەيتۇللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق ھەق - ھۆرمىتى باردۇر. ئۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا باش ئېگىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ تۇرۇشنىڭ بىر سىمۋۇلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرەكلەردە بىر ھەيۋىتى، قەلبلەردە ئۇلۇغلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە مۇھەببەت قىلىش مەۋجۇتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىنى، مەككىدىن يۇرتىغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ ئاخىرىقى تاۋاپ بولۇپ، ئۇ تاۋاپۇل ۋىدا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن ۋىدا تاۋىپىنىڭ ساقىت بولۇشىدىكى سەۋەپ؛ مەسچىتنىڭ پاكىزلىقى ۋە ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن بۇ تاۋاپ پىديەسىز ساقىت بولدى. بۇ ھەج توغرۇلۇق كەلگەن دەلىلدۇر، ئۆمرە ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەيسىيرۇل ئەللام تەنبىھۇل ئەفھام تەئسىسۇل ئەھكام

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ