عن أَنَسَ بْنَ مَالِكٍ رضي الله عنه قال:
بينما نحن جلوس مع النبي صلى الله عليه وسلم في المسجد دخل رجل على جمل، فأناخه في المسجد ثم عقله، ثم قال لهم: أيكم محمد؟ والنبي صلى الله عليه وسلم متكئ بين ظهرانيهم، فقلنا: هذا الرجل الأبيض المتكئ. فقال له الرجل: يا ابن عبد المطلب فقال له النبي صلى الله عليه وسلم: «قد أجبتك». فقال الرجل للنبي صلى الله عليه وسلم: إني سائلك فمشدد عليك في المسألة، فلا تجد علي في نفسك؟ فقال: «سل عما بدا لك» فقال: أسألك بربك ورب من قبلك، آلله أرسلك إلى الناس كلهم؟ فقال: «اللهم نعم». قال: أنشدك بالله، آلله أمرك أن نصلي الصلوات الخمس في اليوم والليلة؟ قال: «اللهم نعم». قال: أنشدك بالله، آلله أمرك أن نصوم هذا الشهر من السنة؟ قال: «اللهم نعم». قال: أنشدك بالله، آلله أمرك أن تأخذ هذه الصدقة من أغنيائنا فتقسمها على فقرائنا؟ فقال النبي صلى الله عليه وسلم: «اللهم نعم». فقال الرجل: آمنت بما جئت به، وأنا رسول من ورائي من قومي، وأنا ضمام بن ثعلبة أخو بني سعد بن بكر.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئولتۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تۆگىگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كېردى، تۆگىسىدىن چۈشتى ۋە ئۇنى باغلىدى، ئاندىن ئۇلاردىن : سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتى، بىز: بۇ يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق. ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللەبنىڭ ئوغلى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاڭلاتتىم، سورىغىن جاۋاپ بېرىلىسەن». ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى. يەنى: ماڭا ئاچچىقلانما، ئېچىڭ سىقىلمىسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى سورىغىن»دېدى. ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دەپ ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى ۋە بىزنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى پەرز نامازلار). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، يەنى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى زاكات). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، زىمام مۇسۇلمان بولدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۆزىنىڭ قايتىپ بېرىپ قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن ئۆزىنى تونۇتتى، ئۇ بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى زىمام بىن سەئلەبە ئېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۇ ئادەمنىڭ ساھابىلارنىڭ ئارىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئايرىيالماسلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەقەدەر كەمتەرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى، سوئال سورىغۇچىغا جاۋاپ بېرىشتىكى مۇلايىملىقى ۋە چېرايلىق جاۋاپ بېرىشنىڭ دەۋەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  3. ئىنساننى ئۇنىڭ ئاق، قىزغۇچ، ئېگىز، پاكا دېگەندەك ئەيىپلەشنى مەقسەت قىلمايدىغان ۋە ئۇ كىشىمۇ ئۆچ كۆرمەيدىغان سۈپەتلىرى بىلەن تونۇتۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  4. ھاجەت ئۈچۈن كاپىرنىڭ مەسچىتكە كېرىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  5. ھەدىستە ھەج زىكىر قىلىنمىدى، چۈنكى بەلكى ئۇ كىشى كەلگەن ۋاقىتتا ھەج پەرز قىلىنمىغان ئىدى.
  6. ساھابىلارنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولۇپلا قەۋمىنى دەۋەت قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ.
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ