+ -

عَنْ زِيَادِ بْنِ لَبِيدٍ رضي الله عنه قَالَ:
ذَكَرَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شَيْئًا، فَقَالَ: «ذَاكَ عِنْدَ أَوَانِ ذَهَابِ الْعِلْمِ» قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، وَكَيْفَ يَذْهَبُ الْعِلْمُ، وَنَحْنُ نَقْرَأُ الْقُرْآنَ وَنُقْرِئُهُ أَبْنَاءَنَا وَيُقْرِئُهُ أَبْنَاؤُنَا أَبْنَاءَهُمْ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ؟ قَالَ: «ثَكِلَتْكَ أُمُّكَ زِيَادُ، إِنْ كُنْتُ لَأُرَاكَ مِنْ أَفْقَهِ رَجُلٍ بِالْمَدِينَةِ، أَوَلَيْسَ هَذِهِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى يَقْرَؤونَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ، لَا يَعْمَلُونَ بِشَيْءٍ مِمَّا فِيهِمَا؟!».

[صحيح لغيره] - [رواه ابن ماجه] - [سنن ابن ماجه: 4048]
المزيــد ...

زىياد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ»دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىلىم قانداق كېتىپ قالىدۇ؟ بىز قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈگۈتىمىز، ئۇلارمۇ قىيامەتكىچە ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ،؟، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن زىياد! مەن سېنى مەدىنىدە دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىن دەپ قارايتتىم، مۇشۇ يەھۇدى ۋە ناسارالارمۇ تەۋرات ۋە ئىنجىلارنى ئوقۇيدۇ ئەمما ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى.

[بۇ ھەدىس باشقا ئىسناد بىلەن سەھىھ] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سۈنەن ئىبنى ماجە - 4048]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: «مۇشۇ ۋاقىت كىشىلەردىن ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ ۋە تارتىۋېلىنىدىغان ۋاقىتتۇر»دېدى. زىياد بىن لەبىيد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى، ئىلىم بىزدىن قانداق كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، قانداق زايە بولۇپ كېتىدۇ؟ بىز قۇرئاننى ئوقۇدۇق، ياد قىلدۇق، ئاللاھ بىلەن قەسەم! بىز ئەلۋەتتە قۇرئاننى ئوقۇيمىز، ئاياللىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەئەججۈپلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئى زىياد! ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن، مەن سېنى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن دەپ ھېسابلايتتىم». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى: ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى قۇرئاننىڭ يوقۇلىشى ئەمەس، لېكىن ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ يوق بولىشىدۇر يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ يېنىدا تەۋرات بىلەن ئىنجىل بولماقلىقى بىلەن ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئىنجىل، تەۋراتنىڭ ئەسلى مەقسىدىدىن پايدىلىنالمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف البلغارية ئازارىچە تەرجىمىسى اليونانية ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية اللينجالا المقدونية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا قۇرئان ۋە كىتاپلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ.
  2. ئىلىمنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن بولىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولىشى ۋە ئىلىمگە ئەمەل قىلىنماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئىلىمنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنماسلىق قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
  4. بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت ئىلىمگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
تېخىمۇ كۆپ