عَنْ ‌أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ:
كَانَ أَهْلُ الْكِتَابِ يَقْرَؤُونَ التَّوْرَاةَ بِالْعِبْرَانِيَّةِ، وَيُفَسِّرُونَهَا بِالْعَرَبِيَّةِ لِأَهْلِ الْإِسْلَامِ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لَا تُصَدِّقُوا أَهْلَ الْكِتَابِ وَلَا تُكَذِّبُوهُمْ، وَقُولُوا: {آمَنَّا بِاللهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا} [البقرة: 136] الْآيَةَ».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئەھلى كىتابلار ئىبرانىي تىلدا تەۋرات ئوقۇپ ئۇنى مۇسۇلمانلارغا ئەرەپ تىلىدا چۈشەندۈرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلىماڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار، «بىز ئاللاھقا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق دەڭلار» [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يەھۇدىيلار ئۆز تىلى بولغان ئىبرانىي تىلىدا تەۋرات ئوقۇياتتى، ئۇنى ئەرەپ تىلىدا چۈشەندۈرەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن راست بىلەن يالغان بىلىنمىگەن سۆزلەردە شۇنداق بولىدۇ. ئۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالا بىزنى بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ۋە بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە نازىل بولغان كىتاپلارغىمۇ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان، لېكىن بىزگە شەرىئىتىمىز ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىپ بەرمىسە، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىن بىزگە ھىكايە قىلىپ بەرگەن سۆزلىرىنىڭ قايسسى توغرا ۋە قايسىسى خاتا بۇنى بىلەلمەيمىز. ئاۋاز قوشمايمىز، جىم تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىنى تەستىق قىلمايمىز، ئىنكارمۇ قىلمايمىز، بەلكىم توغرا بولۇپ قالسا، ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالمىغايمىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز». [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەھلى كىتابلار خەۋەر بەرگەن نەرسىلەر ئۈچ قىسىمدۇر: قۇرئان-سۈننەتكە مۇۋاپىق كەلگىنىنى تەستىقلايمىز، قۇرئان-سۈننەتكە زىت كەلگىنى باتىلدۇر بۇنى يالغان دەيمىز، ئىنكار قىلىمىز. قۇرئان-ھەدىستە ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىل بولمىسا بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىنچە تەستىقلىمايمىز ۋە ئىنكارمۇ قىلمايمىز.