عن عبد الله ابن عباس رضي الله عنهما كان عمر رضي الله عنه يُدْخِلُنِي مع أَشْيَاخِ بَدْرٍ فَكَأَنَّ بَعْضَهُم وَجَدَ في نفسه، فقال: لم يُدْخِلُ هذا معنا ولنا أبناءٌ مثله؟! فقال عمر: إنه من حَيْثُ عَلِمْتُمْ! فدعاني ذاتَ يومٍ فأَدَخَلَنِي مَعَهُمْ فما رأيتُ أنه دعاني يَوْمَئِذٍ إلا لِيُرِيَهُم، قال: ما تقولون في قول الله:(إذا جاء نصر الله والفتح)، [الفتح: 1]، فقال بعضهم: أَمَرَنَا نَحْمَدُ اللهَ ونَسْتَغْفِرُهُ إذا نصرنا وفَتَحَ علينا، وسكتَ بعضُهُم فَلَمْ يَقُلْ شيئًا، فقال لي: أكذلك تقولُ يا ابنَ عباس؟ فقلت: لا، قال: فما تقول؟ قلت: هو أَجَلُ رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم أَعْلَمَهُ له، قال: "إذا جاء نصر الله والفتح" وذلك علامةُ أجلِكَ، "فسبح بحمد ربك واستغفره إنه كان توابا" فقال عمر رضي الله عنه : مَا أَعْلَمُ مِنْهَا إلَّا مَا تَقُولُ.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى نارازى بولغاندەك قىلىپ، بىزنىڭ بۇنىڭ يېشىدا باللىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ سورۇنىمىزغا بۇ بالىنى باشلاپ كىرىدۇ، دېگەندە، ئۆمەر: سىلەر بىلگەن بىر سەۋەپتىن، دېدى. بىر كۈنى مېنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ بىر سورۇنىغا ئېلىپ كىردى، مەن: ئۆمەر مېنى شۇ كۈنى ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن چاقىردى، دەپ ئويلۇدۇم. ئۆمەر: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن سۆزى ھەققىدە نېمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىدى، بەزىلىرى: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى، بەزىلىرى بىر نەرسە دېمەي، جىم تۇرۇشتى. ئۆمەر مەندىن: ئى ئىبنى ئابباس! سەنمۇ شۇنداق دەپ قارامسەن؟ دەپ سورىدى، مەن: ياق، دېدىم. ئۇ: سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقايلى، ـ دېدى. مەن: بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەجىلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەجىلىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» بۇ سېنىڭ ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتىدۇر «رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ-سانا ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېدى، ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

قىيىن ئىشلاردا ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، بۇلارغا نىسبەتەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: نىمە ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئوغلىنى ئەكىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئەكىرمەيدۇ؟ دەپ نارازى قىلدى. ئۆمەر ئۇلارغا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمى ساپاسىنى، زىرەك ۋە چېچەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگۈنۈڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن: بۇ سۈرە توغرۇلۇق نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى سۈكۈت قىلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا گۇناھلىرىمىزغا ئىستىغفار ئېيتىشقا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى. لىكىن ئۆمەر ئۇلاردىن بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى سۆز مەنىسىنى ئەمەس بەلكى مەقسىدىنى سورىغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباستىن: سەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە نېمە دەپ قارايسەن؟ دەپ سورىدى، ئىبنى ئابباس: ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئەجىلى يەنى: ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگىنى، يەنى: مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئۇ پەتھى ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتى، «رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر». ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش