عن سعيد بن المسيب عن أبيه المسيب بن حزن رضي الله عنه قال: "لما حضرَتْ أبا طالب الوفاة جاءه رسول الله صلى الله عليه وسلم وعنده عبد الله بن أبي أمية وأبو جهل، فقال له: يا عَمِّ قل لا إله إلا الله، كلمة أُحَاجُّ لك بها عند الله، فقالا له: أَتَرَغَبُ عن ملة عبد المطلب؟ فأعاد عليه النبي صلى الله عليه وسلم ، فأعادا، فكان آخر ما قال هو على ملة عبد المطلب، وأبى أن يقول لا إله إلا الله، فقال النبي صلى الله عليه وسلم : لأستغفرن لك ما لم أُنْهَ عنك، فأنزل الله: {مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قربى...} الآية"، وأنزل الله في أبي طالب: {إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ}.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب دادىسى مۇسەييەب ئىبنى ھەزەندىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: ئەبۇ تالىب سەكىراتقا چۈشۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا كەلگەن، ئۇنىڭ يېنىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇمەييە، ئەبۇ جەھىللەر بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ تاغىسىغا: ئى تاغا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دىسىلە مەن سىلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ بىر ئېغىز سۆزلىرىگە گۇۋاھ بولاي، دېگەندە ئابدۇللاھ بىلەن ئەبۇ جەھىل ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى قايتىلىۋىدى، ئۇلارمۇ سۆزىنى تەكرارلىدى، شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا ئەبۇ تالىب: مەن ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ دىنىدا، دەپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگىلى ئۇنىمىدى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مەن ساڭا مەغپىرەت تىلەشتىن چەكلەنمىسەملا ساڭا چوقۇم مەغپىرەت تىلەيمەن، دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113 -ئايەت]. يەنە ئەبۇ تالىب ھەققىدە: «شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن ئايەت نازىل بولغان. سۈرە قەسەس51 -ئايەت
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ تالىبنى سەكىراتتىكى ھالىتىدە يوقلاپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاخىرىقى ھاياتىنى ئىسلام بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرشىش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭدىن تەۋھىد سۆزىنى ئىقرار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مۇشرىكلارمۇ شېرىك ئەقىدىنى تاشلاپ يەككە-يىگانە بىر ئاللاھقا چىن ئىبادەت قىلىشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەجدادىنىڭ شېرىك ئەقىدىسىدە قېلىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تاغىسىدىن تەۋھىد كەلىمىسىنى سۆزلەشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى، مۇشرىكلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭغا ئەكسىنى تەكرارلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەبۇ تالىبنىڭ ھەق ئۈستىدە ئەمەس بەلكى شېرىك ئەقىدىسى بىلەن ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئەگەردە چەكلەنمىسىلا ئاللاھ تائالادىن تاغىسىغا مەغپىرەت تىلەيدىغانلىقىنى، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ، ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا، خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ، ئۇ ھىدايەتكە كىمنىڭ ھەقلىق ۋە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. «پەيغەمبەرگە ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» سۈرە تەۋبە 113 -ئايەت. يەنە ئەبۇ تالىب ھەققىدە «شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» سۈرە قەسەس51 -ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش