عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّهُ قَالَ:
قيل يا رسول الله من أسعد الناس بشفاعتك يوم القيامة؟ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «لقد ظننت يا أبا هريرة ألا يسألني عن هذا الحديث أحد أول منك لما رأيت من حرصك على الحديث، أسعد الناس بشفاعتي يوم القيامة، من قال لا إله إلا الله، خالصًا من قلبه أو نفسه».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشىنىڭ: «چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان» يەنى پەقەت ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر دېگەن، شېرىكتىن ۋە رىيادىن سالامەت قالغان كىشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاخىرەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بولغان شاپائەتنى ئىسپاتلاش، چۈنكى ئۇ شاپائەت پەقەتلا ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇۋەھھىدلەرگىلا بولىدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپات قىلىشى بولسا ئۇ ئاللاھنى بىر دېگۈچى مۇۋەھھىدلەردىن دوزاخقا ھەقلىق بولغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەسلىكى ياكى دوزاخقا كېرىپ بولغان كىشىنىڭ دوزاختىن چېقىشى ئۈچۈن ۋاستە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئاللاھ ئۈچۈن بولغان خالىس تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى.
  4. تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسا ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  5. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ