عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيِّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«يُؤْتَى بِالْمَوْتِ كَهَيْئَةِ كَبْشٍ أَمْلَحَ، فَيُنَادِي مُنَادٍ: يَا أَهْلَ الجَنَّةِ، فَيَشْرَئِبُّونَ وَيَنْظُرُونَ، فَيَقُولُ: هَلْ تَعْرِفُونَ هَذَا؟ فَيَقُولُونَ: نَعَمْ، هَذَا المَوْتُ، وَكُلُّهُمْ قَدْ رَآهُ، ثُمَّ يُنَادِي: يَا أَهْلَ النَّارِ، فَيَشْرَئِبُّونَ وَيَنْظُرُونَ، فَيَقُولُ: وهَلْ تَعْرِفُونَ هَذَا؟ فَيَقُولُونَ: نَعَمْ، هَذَا المَوْتُ، وَكُلُّهُمْ قَدْ رَآهُ، فَيُذْبَحُ ثُمَّ يَقُولُ: يَا أَهْلَ الجَنَّةِ خُلُودٌ فَلاَ مَوْتَ، وَيَا أَهْلَ النَّارِ خُلُودٌ فَلاَ مَوْتَ، ثُمَّ قَرَأَ: {وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ} [مريم: 39]، وَهَؤُلاَءِ فِي غَفْلَةٍ أَهْلُ الدُّنْيَا {وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ} [مريم: 39]».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئۆلۈم قىيامەت كۈنى سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرلىدۇ ، بىر چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ: ئى جەننەت ئەھلى! جەننەت ئەھلى بوينىنى سوزۇپ چاقىرغان تەرەپكە قارايدۇ، بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن، ئاندىن : ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ، ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىي ھايات بار. ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، مەڭگۈ ئازاب بار، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ: «وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ» تەرجىمىسى: «ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر»ئۇلار دۇنيا ئەھلىنىڭ غاپىللىرىدۇر«وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ»، «(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت].

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆلۈمنىڭ ئالا قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئى جەننەت ئەھلى! دەپ چاقىرىلىدۇ، ئۇلار بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى ئۈستۈن قىلىپ قارىشىدۇ. ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن ۋە تونۇغان ئىدى. ئاندىن بىر چاقىرغۇچى :ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىشىدۇ. بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرگەن. ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ ئاندىن بىر چاقىرغۇچى: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد جەننەتتە قالىسىلەر، ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد دوزاختا قالىسىلەر دەيدۇ. ئۇ بولسا مۇئ‍مىنلەرنىڭ چەكسىز نېمەتتە بولىدىغانلىقى ۋە كاپىرلارنىڭ دەرتلىك ئازابتا بولىشى ئۈچۈندۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: :«وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ» تەرجىمىسى:«ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت]. قىيامەت كۈنىدە جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئارىسى ئايرىلىدۇ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايىغا بارىدۇ، ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ. يامان ئىش قىلغۇچى دۇنيادا ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىغا، ياخشىلىقنى ئاز قىلغۇچى ياخشىلىقتىن زىيادە قىلمىغانلىقىغا ھەسىرەتلىنىپ پۇشايمان قىلىدۇ،

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىنساننىڭ ئاخىرەتتىكى بارىدىغان جايى بولسا؛ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇش ياكى دوزاختا مەڭگۈ تۇرۇش بولىدۇ.
  2. قىيامەتنىڭ ھەيبىتىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش چۈنكى قىيامەت كۈنى بولسا ھەسىرەت چېكىدىغان ۋە پۇشايمان قىلىدىغان كۈندۈر.
  3. جەننەت ئەھلىنىڭ خۇرسەنلىكىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ قايغۇسىنىڭمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش.
تېخىمۇ كۆپ