عن ابن مسعود رضي الله عنه قال: قال النبي صلى الله عليه وسلم:
«الْجَنَّةُ أَقْرَبُ إِلَى أَحَدِكُمْ مِنْ شِرَاكِ نَعْلِهِ، وَالنَّارُ مِثْلُ ذَلِكَ».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئىنسانغا پۇتىدىكى ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىن ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ؛ ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، گۇناھ مەسىيەت ئىشلەش سەۋەبلىك دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاز بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاز بولسىمۇ يامانلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.
  2. مۇسۇلمان ھاياتىدا ئاللاھدىن قورقۇش بىلەن رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئاللاھ تائالادىن دائىم ھەتتا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزگەرمەستىن ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سوراش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ