عن أبي قتادة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «الرُّؤْيَا الصَّالِحَةُ -وفي رواية: الرُّؤْيَا الحَسَنَةُ- من الله، والحُلُمُ من الشيطان، فمن رأى شيئًا يَكْرَهُهُ فَلْيَنْفُثْ عن شماله ثلاثا، وَلْيَتَعَوَّذْ من الشيطان؛ فإنها لا تضره». وعن جابر رضي الله عنه عن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إذا رأى أحدكم الرُّؤْيَا يَكْرَهُهَا، فَلْيَبْصُقْ عن يساره ثلاثا، ولْيَسْتَعِذْ بالله من الشيطان ثلاثا، ولْيَتَحَوَّلْ عن جَنْبِه الذي كان عليه».
[صحيح] - [حديث أبي قتادة: متفق عليه. حديث جابر: رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈۋەتسۇن. ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن. شۇندىلا، يامان چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا سول تەرپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىۋەتسۇن ۋە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن، ئاندىن ياتقان يېنىدىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلۈپ ياتسۇن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. شەيتاننىڭ تەسىرىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن خالى بولغان ۋە يىراق بولغان ساغلام چۈش بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قىلغان نېمەتلىرىدىن بولۇپ، مۆمىن بەندىلىرىگە خۇش بىشارەت، غەپلەتتە قالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئازغانلارغا ئەسلەتمىدىن ئىبارەتتۇر. الحلم: دېگەن قالايمىقان كۆرگەن چۈشلەر، ئۇ ئىنساننىڭ رۇھىغا شەيتاننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى، قالايمىقانلاشتۇرشى، ئۇنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، غەم-قايغۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قايغۇرۇشىنى، بەخىتسىزلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان دۈشمىنىدۇر. ئىنسان بىئارام بولىدىغان، قورقۇيدىغان، قايغۇرىدىغان چۈشلەرنى كۆرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقىتىدىغان، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغان سەۋەب ئامىللارنى قىلىشى كېرەك. ھەدىستە تۆۋەندىكىلەرنى تەلىم بەرگەن. 1-سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈش. 2- قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئۈچ قېتىم پاناھ تىلەش. 3- ئەگەر سول تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا ئوڭ تەرەپكە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا سول تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىش كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە قوللانغان سەۋەبلەرگە ئىشەنگەن ھالدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ چۈشى ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ