عن عائشة رضي الله عنها قالت: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«السِّوَاكُ مَطْهَرَةٌ لِلْفَمِ، مَرْضَاةٌ لِلرَّبِّ».

[صحيح] - [رواه النسائي وأحمد]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مىسۋاك ئېغىزنى پاكلايدۇ، رەببىنى رازى قىلىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن قىلىنغان مىسۋاك ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئېغىزنى تاماق قالدۇقلىرى ۋە يېقىمسىز پۇراقلاردىن پاكىزلاشنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئېغىزنى پاكلاش بولسا ئاللاھنىڭ بەندىدىن رازى بولىشى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش بار، شۇنداقلا پاكىزلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئىش مەۋجۇتتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى مىسۋاكنى كۆپ ئېشلىتىشكە بۇيرىغانلىقى بولسا، مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  2. مىسۋاكنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنى ئىراك دەرىخىنىڭ شېخىدىن بولغىنىدۇر. بولمىغاندا چېش چوتكىسى ۋە چېش پاستىسى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.