عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «الفِطرة خَمْسٌ: الخِتَان، والاسْتِحدَاد، وقَصُّ الشَّارِب، وتَقلِيمُ الأَظفَارِ، ونَتْفُ الإِبِط».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بەش تۈرلۈك ئىش ئىنسان يارتىلىشتىن تارتىپلا سۈننەتدۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەۋرەت تۈكىنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناق ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئىسلام دىنىنىڭ خىسلەتلىرىدىن بەش تۈرلۈك خىسلەت بار، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقان ۋاقىتتىلا بۇنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتقان. كىمىكى بۇ خىسلەتلەرنى قىلسا توغرا بولغان ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئالى يۈكسەك سۈننەتلىرىنى قىلغان بولىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بەش ئىشنىڭ ھەممىسى ئىسلام تەشەببۇس قىلغان تازىلىق، پاكىزلىققا ئالاقىدار ئىشلار: 1-زەكەرنىڭ ئۈچىنى يېپىپ تۇرىدىغان تېرىنى كىسىش، ئۇنى كەسمىگەندە كىر-توڭرىلار يېغىلىپ جاراھەت ۋە كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2-ئەۋرەتنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇيلارنى چۈشۈرۈش، مەيلى ئالدى تەرەپ، ياكى كەينى تەرەپنىڭ بولسىمۇ، بۇنىڭ قېلىشى نىجاسەت بىلەن مىكرۇپلۇنۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شەرئى تاھارەتكە نۇقسان يەتكۈزسە شۇنداق بولىدۇ. 3-بۇرۇتنى ئېلىپ تۇرۇش، ئۇنى ئامماي قۇيۋېتىش گۈزەل چىراينى سەتلەشتۈرىدۇ، ھەم مەجۇسىيلارغا ئوخشىۋالغانلىق. 4-تىرناقلىرىنى ئېلىش، ئۇنىڭ ئاستىدا كىرلەر يېغىلىپ تاماققا ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك كېسەل پەيدا بولىشى مۈمكىن، يەنە بەزى يۇيۇش ۋاجىب بولغان ئۇرۇنلارغا سۇ تەگمەستىن تاھارەتنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا نۇقسان يەتكۈزىشى مۈمكىن. 5– قولتۇق مۇيىنى يۇلۇش، ئۇنى ئالماي قويغاندا بەدبۇي پۇراق چىقىپ بىزار قىلىدۇ