عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: «دخل رسول الله صلى الله عليه وسلم البيت، وأسامة بن زيد وبلال وعثمان بن طلحة، فأغلقوا عليهم الباب فلما فتحوا كنت أولَ من وَلَجَ. فلقيتُ بلالًا، فسألته: هل صلى فيه رسول الله صلى الله عليه وسلم ؟ قال: نعم ، بين العَمُودَيْنِ اليَمَانِيَيْنِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كىرىپ ئىشىكنى تاقىدى، بىر ئازدىن كېيىن ئىشىكنى ئاچقاندا مەن تۇنجى بولۇپ كىردىم-دە بىلالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭدىن سورۇدۇم: رەسۇلۇللاھ كەئبە ئىچىدە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دېگىنىمدە، ئۇ ھە-ئە، يەمەن تەرەپتىكى ئىككى تۈرۈك ئارىسىدا ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مەككىنى پەتھى قىلىپ، بۇت ۋە ھەيكەل، سۈرەتلەردىن پاكلاپ بەرگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتكارى بىلال، ئۇسامە، كەئبىنىڭ ساقلىغۇچىسى، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كەئبىگە كىردى. باشقىلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارمۇ كىرىپ بېسىق قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشىكنى تاقىدى. ئەگەردە ئۇلارمۇ كىرسە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەرۋەرىگارىغا ئىبادەت قىلىشتىن، نىېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئۇزۇن تۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ قىلىشقا بەك ھىرىسمەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىك ئېچىلغاندىلا بىلالدىن سورىدى، ئۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر يەردە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، بىلال: ھەئە ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىدا ناماز ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا كەئبىدە ئالتە تۈۋرۈك بار ئىدى، ئۈچ تۈۋرۈكنى كەينىدە قويۇپ ئىككى تۈۋرۈكنى ئوڭ يېنىدا بىرىنى سول يېنىدا تام بىلەن ئارلىقىنى ئۈچ گەز قويۇپ ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدى، تۆرت بۇلىڭىدا دۇئا قىلدى، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ