عن جابر رضي الله عنه قال: «كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يُصلِّي على راحِلَته، حيث تَوَجَّهَت فإذا أراد الفَرِيضة نَزل فاسْتَقبل القِبْلة».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشمەيلا نامازنى ئوقىۋىرەتتى، ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، بۇ ھەدىسىنى بۇخارى مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ، تۆگىسى مەيلى قىبلە تەرەپكە ۋە ياكى باشقا تەرەپكە يۈزلەنسۇن، نامىزىنى ئوقىۋىرەتتى. ئەگەر پەرز ناماز، يەنى بەش ۋاق نامازنىڭ بىرى بولسا ئۇلاغدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ پەرز نامازنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇمىغان» دەپ كەلگەن، بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر. پەرز نامازنى زېمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك، پەقەت يامغۇر ياكى دۈشمەن قورقۇنچىسىدەك شەرئى ئۆزرىلەردە، بولۇپمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەندە ئۇلاغ ئۈستىدە، كېسەللىكتە كارۋات ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنى شەرىئەتنىڭ ئاسانلاشتۇرۇش، يېنىكلىتىش، بۇ ئۈممەتتىن جاپانى كۆتۈرۋېتىشكە ئالاقىدار دەلىللەرنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ: «مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام كۈچۈڭلەرنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ دەلىللىرىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ