عن عائشة رضي الله عنها عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «لا يَقْبَل الله صلاة حَائض إلا بِخِمَار».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئايالنىڭ رومالسىز (يەنى: بېشى ۋە بوينى ئوچۇق) ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ناماز ئوقۇسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن «ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى بىكار بولىدۇ، قوبۇل بولماسلىق بۇ يەردە توغرا ئەمەس، يىتەرلىك ئەمەس،- دېگەن مەنىدە. ھەدىستىكى ھەيىزدار دېگەن سۆزدىن: قورامىغا يەتكەنلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئارقىلىق ھەيىز يېشىغا يەتكەن ئايال مەقسەت قىلىنغان. بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى: ھەيىز كۆرۈش، مەنى چىقىش، جىنسى يولغا تۈك ئۈنۈش، 15 ياشقا تولۇش قاتارلىقلار. ئاياللارغا خاس ئىش بولغانلىقى، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى كۆپىنچە ھەيىز كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەيىز دەپ ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەيىز كۆرۈۋاتقان ئايال مەقسەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ھەيىز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، بۇ ئېنىق ھەدىس كەلگەن ۋە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلە

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ