عن أبي مَرْثَدٍ الغَنَوِيّ رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«لَا تَجْلِسُوا عَلَى الْقُبُورِ، وَلَا تُصَلُّوا إِلَيْهَا».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 972]
المزيــد ...

ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 972]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى.
شۇنىڭدەك قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىدى، يەنى ناماز ئوقۇغۇچى قىبلىگە قاراپ قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەندى، چۈنكى ئۇ شېرىكنىڭ يوللىرىدىندۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىستانلىقتا ياكى قەبىرلەر ئارىسىدا ياكى قەبىرگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى، لېكىن جىنازە نامىزى بولسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان.
  2. شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان يولنى ئېتىش ئۈچۈن قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇش چەكلەندى.
  3. ئىسلام دىنى قەبرى توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئېتىبارغا ئالماسلىقتىن چەكلىدى، چۈنكى ئىسلامدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە ئېتىبارغا ئالماسلىق يوقتۇر.
  4. مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىتنىڭ سۆڭىكىنى سۈندۈرۈش خۇددى ھايات ۋاقتىدا سۆڭىكىنى سۇندۇرغانغا ئوخشاشتۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)
تېخىمۇ كۆپ