عن أنس بن مالك رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم كان إذا دخل الخَلاء قال: ((اللهم إني أَعُوذ بك من الخُبُثِ والخَبَائِث)).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوبۇرنىغا كىرگەندە مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ تەرەت سۇندۇرغاندىكى ئەدەپ-قائىدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ قانداق ئەھۋاللاردا بولسۇن پەرۋەردىگارىنى ئەسلەشتىن ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئۈزۈلمەيتى، ئەگەردە ھاجەت سۇندىرىدىغان جايغا كىرمەكچى بولسا شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيتى، نىجاسەتتىن، ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيىنىدىن پاناھ تىلەيتى، ئۇ شەيتانلار ھەر ۋاقىت مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنى ئىشلىرى ۋە ئىبادىتىنى بۇزۇشقا ئۇرىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ