عن سلمان رضي الله عنه ، قال: قيل له: قد عَلَّمَكُمْ نَبِيُّكُم صلى الله عليه وسلم كل شيء حتى الخِرَاءَةَ، قال: فقال: أجَل «لقد نَهَانا أن نَستقبل القِبْلَة لِغَائِطٍ، أو بَول، أو أن نَسْتَنْجِيَ باليمين، أو أن نَسْتَنْجِيَ بِأَقَلَّ من ثلاثة أحْجَار، أو أن نَسْتَنْجِيَ بِرَجِيعٍ أَو بِعَظْمٍ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ياكى تېزەك ۋە سۆڭەك بىلەن تازىلاشتىن چەكلىدى» دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: سەلمانغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ھاجەتخانىغا كىرگەندىن تاكى قايتىپ چېقىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاجەت ئادا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلەنمەسلىك ياكى كەينىنى قىلماسلىق، ئوڭ قولى ياكى تېزەك بىلەن، سۆڭەك بىلەن تازىلىق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى تەلىم بەرگەنلىكىنى سورىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھە-ئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن چەكلىدى، دېدى»، يەنى: چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردە يۈزلىنىدىغان قىبلىسى، تەرەپلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، شۇڭا ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر». ھەج سۈرىسى: 30-ئايەت. «ياكى ئوك قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئوڭ قول دېگەن ماختىلىدىغان، ھۆرمەتلىك، پاكىزە ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئىككى يولدىن چىققان نەرسىلەرنى تازىلاش قاتارلىق تازىلىق ئىشلىرىدا سول قول ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قول بىلەن نىجاسەتلەر تازىلانمايدۇ» دېيىلگەن. «ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» گەرچە بۇنىڭدىن ئاز بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولسىمۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۈچ تالدىن ئاز نەرسە بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولمايدۇ، بۇ تاش-چالما ئىشلەتكەندىن كېيىن سۇ ئىشلەتمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا سۇ ئىشلىتىدىغان ئەھۋالدا تاش-چالمانى ئۈچ تالدىن ئاز ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە نىجاسەت ئورنىنى تولۇق پاكىزلەش ئەمەس، نىجاسەتنى ئازلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. «ياكى تېزەك بىلەن تازىلىق قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى تېزەك جىنلارنىڭ چارۋىلىرىنىڭ ئوزۇقىدۇر. مۇسلىمدا ئوچۇق بايان قىلىنغان ھەدىستە، جىننىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشكەندە بەك گۆشلۈك ھالەتتە بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك سىلەرنىڭ چارۋىلىرىڭلارنىڭ ھەلىپىدۇر» دېدى. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئۇ جىنلارنىڭ يېمەكلىكى، ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۆڭەك ۋە تېزەك بىلەن ئىستىنجا قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئىككىسى سىلەرنىڭ قېرىنداشىلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر» دېگەن. سۈننەت بۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى بولغان نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتمەسلىك ۋە پاسكىنا قىلىۋەتمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ نەرسىلەرنى نىجاسەتنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى بۇزۇپ قويغان بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ