عَنْ عَمْرِو بْنُ سُلَيْمٍ الأَنْصَارِيُّ قَالَ: أَشْهَدُ عَلَى أَبِي سَعِيدٍ قَالَ: أَشْهَدُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«الغُسْلُ يَوْمَ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُلِّ مُحْتَلِمٍ، وَأَنْ يَسْتَنَّ، وَأَنْ يَمَسَّ طِيبًا إِنْ وَجَدَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەمىر بىن سۇلەيىم ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەبۇ سەئىيد: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن:
«ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولغان مۇسۇلمانلاردىن بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن چېشىنى تازىلايدۇ. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ جۈمە كۈنىدە يۇيۇنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
  2. پاكىزلىنىش، ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرئى تەلەپتۇر.
  3. جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىش.
  4. جۈمە ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش.
  5. جۈمەگە بېرىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق خۇشبۇي نەرسە بولسا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  6. ئايال ئۆيىدىن ناماز ياكى باشقا ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىققان ۋاقتىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە بۇنىڭدىن چەكلەنگەن.
  7. بالاغەتكە يەتكەنلىك قىزلارغا بولسۇن ياكى ئوغۇللارغا بولسۇن مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: بىرىنچى: ئون بەش ياشنى تولۇقلاش. ئىككىنچى: ئەۋرەتلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۈك ئۈنۈش . ئۈچىنچى: ئېھتىلام بولسۇن ياكى بولمىسۇن شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش، ئەمما تۆتىنچى ئالامەت بولسا: قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈشىدىن ئىبارەتتۇر، قىز بالا ھەيز كۆرسە بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ