عن ميمونة رضي الله عنها قالت: «صَبَبْتُ للنبي صلى الله عليه وسلم غُسْلا، فَأَفْرَغ بيمينه على يساره فغَسَلَهُما، ثم غَسل فَرْجَه، ثم قال بِيَدِه الأرض فَمَسَحَها بالتُّراب، ثم غَسلها، ثم تَمَضْمَضَ واسْتَنْشَقَ، ثم غَسَل وجْهَه، وأفَاضَ على رأسِه، ثم تَنَحَّى، فغسل قَدَمَيه، ثم أُتِيَ بمنْدِيل فلم يَنْفُضْ بها».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەردىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇدى، ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن يۇدى، ئېغىزىنى چايقىدى، بۇرنىغا سۇ ئالدى، يۈزىنى يۇدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى لېكىن لۆڭگە بىلەن سۈرتمىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۇنابەتتىن يۇيۇنىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەنلىك ۋەقەلىكىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تولدۇرۇلغان قاچىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇيىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى قول باشقا ئەزالارغا سۇنى يەتكۈزىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى قولنى تازىلاپ پاكىزە بولغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك بولىدۇ. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى دېيىلگەن، ئىككى قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىكى مەنىنىڭ قالدۇقى ۋە باشقا تازىلاشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى سول قولى بىلەن يۇدى، ئەۋرەتتىن: ئالدى ئەزاسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئالدى ئەزاسىنى يۇدى» دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى، بۇنىڭدىن سول قول مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىنى يەرگە ئۇرۇپ توپىغا قاتتىق سۈردى»دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، قولىنى توپىغا سۈركەش بىلەن قولىغا يۇقۇپ قالغان پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر ۋە ناچار پۇراقلار يوقايدۇ، ئاندىن سول قولىغا يۇقۇپ قالغان توپا ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇدى، ئىككى قولىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، يۈزىنى يۇيۇشنى باشلىدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى دېيىلمىگەن، لېكىن بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدى» دېيىلگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بېشىغا ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ قۇيدى، ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇدى» دېيىلگەن، بەدەننىڭ ھەممە يىرى يۇيۇلسا بىر قېتىم يۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، تەرەت ئىلىپ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پۇتىنى ئىككىنچى قېتىم يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، بەدىنىدىكى نەملىكنى لۆڭگە بىلەن سۈرمىدى. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە ئىلىپ كەلسەم رەت قىلدى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، لۆڭگە بىلەن سۈرتمەي، مۇنداق قىلىمىز دەپ قولىدىكى سۇنىڭ قالدۇقلىرىنى سىيرىۋەتتى»

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ