ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇرۇتنى قىسقارتىپ ساقالنى تولۇق قويۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مىسۋاك ئېغىزنى پاكلايدۇ، رەببىنى رازى قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر يەردە ئىدىم، ئۇ يەردە ھاجىتىنى سۇندۇردى، ئاندىن تاھارەت ئالدى ۋە ئۆتىكىگە مەسھى قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە غۇسلى قىلىش ئۈچۈن«بىر قاچا»سۇنى يېنىغا قويدۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا قۇيۇپ، ئىككى«ياكى ئۈچ» قېتىم يۇدى، ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇيدى، ئاندىن قولىنى يەرگە سۇركىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى جۈمە كۈنى مۇكەممەل غۇسلى قىلىپ نامازنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا «جۈمەگە» بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ پەقەت ئۇنىڭدىن بىر پارچە گۆشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى بېر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە بىر قېتىم يۇيىنىشى، بېشىنى ۋە بەدىنىنى يۇيىشى ۋاجىپ بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى سېدىر ياپراقلىرى ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشپۇراق سۇ بىلەن يۇيۇنۇشقا بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دېۋىدى رەسۇلۇللاھ: ئەگەر مەنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
«مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن يەرنى تازىلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشىلتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇنغان ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز، روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، ئۇ ئايال: قان ئىنتايىن كۆپ كېلىدۇ، پاختا كار قىلمايدۇ، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زېمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زېمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەردىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن ياكى تېزەك ياكى سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاياق بىلەن نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئۇنى توپىغا سۈركەپ پاكلىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاچىسى چاك كەتكەندە يېرىقنى كۈمۈش پارچىسى بىلەن قادىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا، ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ بىر قېتىملا غۇسلى قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية