1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ

عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «يَعْقِدُ الشيطان على قَافِيَةِ رأسِ أحدِكم، إذا هو نام، ثلاث عُقَدٍ، يَضْرِب على كل عُقْدَةٍ: عليك لَيلٌ طويل فَارْقُدْ، فإن استيقظ، فذكر الله تعالى انحَلَّتْ عُقْدَةٌ، فإن تَوضِّأ، انْحَلّتْ عُقدَةٌ، فإن صلى، انْحَلَّتْ عُقَدُهُ كُلُّها، فأصبح نشيطا طَيِّبَ النفس، وإلا أصبح خَبِيثَ النَّفْس كَسْلَان».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئويغۇنۇپ ئاللاھنى ئەسلىسە، بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا بىر تۈگۈن، ناماز ئوقۇسا يەنە بىر تۈگۈن يېشىلىپ كەيپىياتى يۇقىرى ۋە روھلۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ھورۇن ۋە كەيپىياتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: شەيتان ئۇخلىغۇچىنىڭ بېشىنىڭ كەينىگە ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ، تۈگۈن دېگەن ھەقىقەتتە سېھرىگەر سېھرى قىلىدىغان كىشىگە تۈگۈن چەككەندەك بىر يىپنى ئىلىپ ئۇنىڭغا تۈگۈننى چىگىدۇ ۋە سېھرىگە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاقىتتا سېھرى قىلىنغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ماجىنىڭ رىۋايىتىدە: كېچىدە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە بىر شوينىدا ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ دېيىلگەن، ئۇنى بېشىنىڭ كەينىگە چىگىشى ئۇ يەرنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن بولغانلىقىدىندۇر، ئۇ ئورۇن شەيتانغا تىز بويسۇنىدىغان ۋە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئورۇن بولغاچقا، شەيتان ئۇ ئورۇننى باغلىۋالسا، ئىنسان روھىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېغىر ئۇيقۇ تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى تۈگۈننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېچە ئۇزۇن خالىغىنىڭچە ئۇخلا، ئۇيقۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن كېيىنرەك ئويغانساڭمۇ كېچىلىك ناماز ئوقۇيدىغانغا ۋاقىت بار دەپ دەم چىڭىتىدۇ، ئويغۇنۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا ئۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: تاھارەت ئالسا ئىككى تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن. ئەگەر چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن يۇيۇنسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇسا گەرچە بىر رەكەت بولسىمۇ ئۈچىنچى تۈگۈن يېشىلىدۇ. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ھەممە تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن، جۇشقۇن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، شەيتاننىڭ تۈگۈنى يېشىلگەن، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ ۋەدە قىلىنغان ساۋابقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىكەت بەرگەن مۇشۇ گۈزەل تەسەررۇپ بىلەن ۋۇجۇدى پاك ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولمىسا، ھورۇن، ۋۇجۇدى روھسىز ھالەتتە ئورنىدىن تۇرىدۇ، يەنى ياخشىلىقتىن يىراقلىشىپ، شەيتانغا خار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىدۇ. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستىن كېچىلىك نامازدا ۋۇجۇدىنى پاكلايدىغان بىر سىر ئاشكارا بولىدۇ، گەرچە ناماز ئوقۇغۇچى باشقا ئىشلارنى ھازىر قىلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاشۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تېنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

51 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية