ھەدىسلەر تىزىملىكى

كىمكى مەن تاھارەت ئالغاندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە باشقا ئىشلارنى كەلتۈرمەي ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ پەقەت ئۇنىڭدىن بىر پارچە گۆشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى بېر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
«مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق بولۇپ، پەقەت ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزلا بار ئىدى، تاماقتىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا، ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية