عن يحيى المازني رحمه الله قال: ((شَهِدتُّ عمرو بن أبي حسن سأل عبد الله بن زيد عن وُضوء النبي صلى الله عليه وسلم ؟ فدعا بتَور من ماء، فتوضَّأ لهم وُضُوء رسول الله صلى الله عليه وسلم ، فأكفَأ على يديه من التَّورِ، فغسَل يديه ثلاثًا، ثم أدخل يدهُ في التور، فمَضْمَض واسْتَنْشَق واسْتَنْثَر ثلاثا بثلاثِ غَرَفَات، ثم أدخل يده فغسل وجهه ثلاثا، ثم أدخل يده في التور، فغَسَلَهُما مرَّتين إلى المِرْفَقَين، ثم أدخل يدَه في التَّور، فمَسَح رأسَه، فأَقْبَل بهما وأَدْبَر مرَّة واحدة، ثم غَسَل رِجلَيه)). وفي رواية: ((بدأ بمُقَدَّم رأسه، حتى ذَهَب بهما إلى قَفَاه، ثم رَدَّهُما حتَّى رَجَع إلى المكان الذي بدأ منه)). وفي رواية ((أتانا رسول الله صلى الله عليه وسلم فأخْرَجنا له ماء في تَورٍ من صُفْرٍ)).
[صحيح] - [الرواية الأولى: متفق عليها الرواية الثانية: متفق عليها الرواية الثالثة : رواها البخاري]
المزيــد ...

يەھيا ئەلمازىنىيدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ئەمرۇ ئىبنى ئەبى ئەلھەسەننىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشى توغرۇلۇق سورىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ جاۋابەن: بىر قاچا سۇ ئەكەلدۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشىغا ئوخشاش قىلىپ تاھارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن: قولىغا قاچىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە ئاغزى بىلەن بۇرنىنى ئۈچ ئۇچۇم سۇ بىلەن ئۈچ قېتىمدىن چايقىدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە ئۇنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئىككى قېتىم يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلىپ، بىر قېتىم ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئارقىسىغا ئاپىرىپ يەنە ئالدىغا كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن پۇتىنى يۇدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ھەتتا گەردىنىگىچە ئاپاردى، ئاندىن ئۇ ئىككىسىنى قايتۇرۇپ باشلىغان يېرىگە ئەكەلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى، ئۇنىڭغا بىز بىر سېرىق قاچىدا سۇ كەلتۈردۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

سەلەپ سالىھلىرىمىزنىڭ (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) سۈننەتكە ئەگىشىشكە ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سورىشاتتى. بۇ ھەدىستە ئەمرۇ ئىبنى يەھيا ئەلمازىينى ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: ئۇ كىشى تاغىسى ئەمرۇ ئىبنى ئەبى ھەسەننىڭ ساھابىلاردىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورىغانلىقىنى كۆردى. ئابدۇللاھ ئۇ ئىشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. چۈنكى بۇنداق قىلسا، ئەڭ تىز بىلدۈرەتتى ۋە ئىنچىكە تەسۋىرلەيتتى، قەلبگە ئورناشتا مۇستەھكەم بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاچا سۇ تەلەپ قىلدى ۋە باشتا ئىككى ئالقىنىنى يۇيۇشتىن باشلىدى. چۈنكى تاھارەتتە بۇ ئىككى قول يۇيۇش ۋە سۇ ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. قاچىنى دوڭغايتىپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ ئۈچ ئۇچۇم سۇ ئالدى، ۋە ھەر بىرسىدە ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ بىر ئۇچۇم سۇ ئالدى ۋە ئۇنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئىككى قېتىم يۇدى. ئاندىن ئىككى قولىنى قاچىغا تىقىپ بېشىغا مەسىھ قىلدى؛ بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ، ھەتتا ئارقىسىغا گەدىنىنىڭ ئۈستىگىچە ئاپىرىپ يەنە باشتا باشلىغان يەرگىچە كەلتۈردى، بۇنداق قىلىشىدا باشنىڭ تۈكلىرىنىڭ ئالدى كەينىگە تەڭ مەسىھ قىلىپ ئىچى تېشىنى چالا قويماسلىق ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن كېيىن پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قىلمىشىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەلگەندە قىلغان قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىر سېرىق قاچىدا سۇ ئەچىقىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇنداق دېيىشى؛ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ