1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى

عن مُعاذة قالتْ: سألتُ عائشةَ رضي الله عنها فقلتُ: «مَا بَال الحَائِضِ تَقضِي الصَّوم، ولا تَقضِي الصَّلاة؟ فقالت: أَحَرُورِيةٌ أنت؟، فقلت: لَستُ بِحَرُورِيَّةٍ، ولَكنِّي أسأل، فقالت: كان يُصِيبُنَا ذلك، فَنُؤمَر بِقَضَاء الصَّوم، ولا نُؤْمَر بِقَضَاء الصَّلاَة».

مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سوراپ مۇنداق دېدىم: نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇئازە رەزىيەللاھ ئەنھا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شەرىئەتنىڭ ھەيزدار ئايالنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقىدىكى ھىكمەت ۋە سەۋەب توغرۇلۇق سورىدى، گەرچە ناماز شەرىئەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا روزىدىن ئۇلۇغ. ئىبادەتنىڭ قازاسىنى قىلىشتا ناماز بىلەن روزىنىڭ ئارىسىنى پەرىقلەندۇرمەسلىك خاۋارىجلارنىڭ مەزھىبى ئىدى، ئۇ مەزھەب جاپا ۋە ئېغىرچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئازەدىن سورىدى، سىز خاۋارىجمۇ؟ ئۇلار ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقادتىمۇ؟ ئۇلار چىڭىتىۋالغاندەك ئېغىر يولدىمۇ؟ دېدى. ئۇ ئايال جاۋاب بىرىپ: مەن خاۋارىج ئەمەس، لېكىن بىلىش ئۈچۈن سوراۋاتىمەن، دېدى. ئائىشە: رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيىزدار بولغىنىمىزدا ناماز ۋە روزىنى تەرىك ئېتەتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى، ئەگەر نامازنى قازا قىلىش ۋاجىب بولسا سۇكۇت قىلماي ئۇلارنى بۇيرۇيتى، دېدى. ئائىشە: شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەك-چىگرالىرىدا توختاش ھىكمەت ۋە توغرا يولدۇر، دېمەكچى بولدى

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

37 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية