عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المُؤْمِنينَ رَضي الله عنها أَنَّهَا قَالَتْ:
إِنَّ أُمَّ حَبِيبَةَ بِنْتَ جَحْشٍ الَّتِي كَانَتْ تَحْتَ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ عَوْفٍ شَكَتْ إِلَى رَسُولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم الدَّمَ، فَقَالَ لَهَا: «امْكُثِي قَدْرَ مَا كَانَتْ تَحْبِسُكِ حَيْضَتُكِ، ثُمَّ اغْتَسِلِي». فَكَانَتْ تَغْتَسِلُ عِنْدَ كُلِّ صَلَاةٍ.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:
ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن كېلىدىغان قان سەۋەبىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز»، ئۇ ئايال ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇناتتى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابە ئاياللاردىن بىرى ئۆزىدىن كېلىدىغان قان توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى بۇ ھادىسە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرنىڭ ھېساۋى بويىنچە ناماز-روزىنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ ساھابە ئايال ھەر ناماز ئۈچۈن قوشۇمچە يۇيۇناتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. خۇن كېسىلى دېگەن: ئايالدىن كېلىدىغان قاننىڭ ھەيز كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
  2. خۇن كېسىلى بولغان ئايال بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەر ئايدا ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرى كەلگەندە ھەيزدار ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەردە خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
  3. خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ ئادەتتە ھەر ئايدا كۆرىدىغان ئادەت كۈنلىرى ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال گەرچە خۇننىڭ قېنى كىلىپ تۇرسىمۇ پاك بولغان ھېسابلىنىدۇ، ھەيزدىن پاك بولغانلىقى ئۈچۈن يۇيىنىدۇ.
  4. خۇن كېسىلى بولغان ئايالغا ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنىشى بولسا، ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقىدىن بولغان، ئەگەر ۋاجىپ بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ بىرەتتى.
  5. خۇن كېسىلى بولغان ئايال ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ خۇنى ئۈزۈلمەيدۇ، داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، دائىم سۇيدۇك تېمىپ تۇرىدىغان، بۇرنى قانايدىغان ۋە توختىماي يەل كىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاھارىتىنىڭ ھۆكمىمۇ خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ تاھارىتىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ.
  6. دىنى ئىشلاردا بىلەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوراش كېرەك، بۇ ئايالمۇ ئۆزىدىن ئۈزۈلمەي قان كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىغان.
تېخىمۇ كۆپ