عن حَمْنَة بنت جَحش رضي الله عنها قالت: كنت أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شَدِيدة، فأتيت رسول الله صلى الله عليه وسلم أَسْتَفْتِيه وأُخْبِرُه، فَوجدْتُه في بيت أختي زينب بنت جَحش فقلت: يا رسول الله، إني امرأة أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شديدة، فما تَرى فيها، قد مَنَعَتْنِي الصلاة والصوم، فقال: «أَنْعَتُ لك الكُرْسُف، فإنه يُذهِبُ الدَّم». قالت: هو أكثر من ذلك، قال: «فاتَّخِذِي ثوبا». فقالت: هو أكثر من ذلك إنما أَثُجُّ ثَجًّا، قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «سَآمُرُك بأمْرَين أيهما فَعَلْتِ أجْزَأَ عَنْكِ من الآخر، وإن قَوِيتِ عليهما فأنتِ أعْلَم». قال لها: «إنما هذه رَكْضَةٌ من رَكَضَات الشيطان فَتَحَيَّضِي ستَّة أيام أو سبعة أيَّام في عِلْم الله، ثم اغْتَسِلِي حتى إذا رأيت أنك قد طَهُرْتِ، واسْتَنْقَأْتِ فصلِّي ثلاثا وعشرين ليلة أو أربعا وعشرين ليلة وأيامها وصومي، فإن ذلك يُجْزِيكِ، وكذلك فافْعَلي في كل شهر كما تحيض النساء، وكما يَطْهُرْن مِيقَاتُ حَيْضِهِنَّ وَطُهْرِهِنَّ، وإن قَوِيت على أن تُؤَخِّري الظهر وتُعَجَلِّي العصر فَتَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين الظهر والعصر، وتُؤَخِّرِين المغرب وتُعَجِّلين العشاء، ثم تَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين فافْعَلي، وَتَغْتَسِلِينَ مع الفجر فافْعَلي، وصُومي إن قَدِرت على ذلك»، قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «وهذا أَعْجَبُ الْأَمْرَيْنِ إليَّ».
[حسن] - [رواه أبو داود وأحمد والترمذي وابن ماجه]
المزيــد ...

ھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرىيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدىىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كىچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدى
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنسى: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال ئىدىم، قان كۆپ كېلەتتى ھەر كەلگەندە كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ كېلەتتى، مەن بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلىپ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا پەتىۋا سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، قان كۈچلۈك ۋە كۆپ كېلىپ ھەم ئۇ قاننى ھەيز قېنىمىكى دەپ ناماز بىلەن روزىدىن چەكلىنىپ قالىمەن، (دەسلەپتە بۇنى ھەيز قېنىمىكى دەپ ئويلاپ قالغان) دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ سۈپەتتىكى قاننىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس بەلكى شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش دەپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن سىزنى پاختا ئىشلىتىشكە بۇيرۇيمەن، چۈنكى پاختا قاننى سۈمۈرىدۇ» دېدى، مەن: قان ئۇنىڭدىن بەك كۆپ، يەنى پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختىنى لاتىغا ئوراپ ئىشلىتىڭ، ئۇ قىلىن بولغاندىن كېيىن قاننى تۇتۇپ تۇرىدۇ»دېدى، مەن: قان سۈ تۆكۈلگەندەك قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپلىكىدىن پاختا بىلەن لاتىمۇ كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن يەنى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيمەن»دەپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش، ئىككىنچى: پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش ۋە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش، پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر ۋە بامداتقا بىر قېتىم يۇيۇنۇش، «ئۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز، ئۇ يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ» يەنى بۇ ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز، «ئەگەر ھەر ئىككىسىنى قىلالىسىڭىز، سىز ئىشىڭىزنى ياخشى بىلىسىز، ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ»، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش» يەنى شەيتان ئۇ ئايالنىڭ دىنى ئىشىنى، پاكلىقىنى ۋە نامىزىنى ۋەسۋەسە قىلىدىغانغا يول تاپتى، ئايلىق ئادىتىنى ئۇنتۇلدۇردى، گوياكى بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىشقا ئۆزگەردى. بۇ پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان تومۇردىن كەلگەن قان دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، پاك بولمايمەن، نامازنى تەرك قىلايمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇ ھەيز ئەمەس بەلكى تومۇردىن كەلگەن قان» دېگەن، يەنى شەيتان بىرنى سانجىغان شۇنىڭ بىلەن ئېتىلىپ چىققان، ھەقىقەتتە شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش ئىكەنلىكىگە ھېچ چەكلىمە يوق.«سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز» يەنى سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ھەيز كۆرگەن ھېسابلاپ، شۇ جەرياندا ناماز ئوقۇمايسىز ۋە روزا تۇتمايسىز، كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت ۋاقتى ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە شەرىئىتىدە شۇنداق بولىدۇ، ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن دېگەندىكى ياكى دېگەن سۆز شەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۈرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، چۈنكى بەزى ئاياللار ئالتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار يەتتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، بۇنى بىلىش شۇ ئايال بىلەن يېشى تەڭ ۋە مىجەزى يېقىن كىلىدىغان ئاياللارغا قاراپ ئايرىلىدۇ، «ئۆزىڭىزنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىپ پاكىزە بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، ھەر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇڭ بۇ سىزگە بىر ئايغا كۇپايە قىلىدۇ»، يەنى سىزنىڭ ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۈنىڭىز ئاخىرلاشسا، سىزنىڭ يۇيۇنىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، ئالتە ياكى يەتتە كۈندىن ئارتۇق بولغىنى ئۇ يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت سىزنىڭ پاكلىق كۈنىڭىز بولىدۇ، ئۈ كۈنلەردە پاك ئاياللار قىلىدىغان ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلسىڭىز ئۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ئايلاردىمۇ نورمال ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ھەيز كۆرۈپ، پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، يەنى ھەر ئايدا باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ئاندىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز، مۇشۇ ۋاقىت سىزنىڭ پاكلىق ۋاقتىڭىز بولىدۇ، خۇددى كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈش ۋە پاكلىنىش ۋاقتىغا ئوخشاش، «ئەگەر پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە ئوقۇشقا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇشقا،-بۇ شامنى ئاخىرقى ۋاقتىدا، خۇپتەننى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش بولۇپ، بۇنى ئۆلىمالار شەكلەن جۇغلاش دەپ ئاتايدۇ-بامداتنى يۇيۇنۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالىسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ» يەنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر، بامداتقا بىر جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنىدۇ، ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى شەكلەن جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچى»دېدى، يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر ئىككى ناماز ئۈچۈن بىر قېتىمدىن ۋە بامدات ئۈچۈن بىر قېتىم جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش ماڭا ياخشى كۆرىلىدۇ، بىرىنچى ئىش: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش بولۇپ، لېكىن بۇ ھەدىستە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنمىغان، ئەمما ئەبۇ داۋۇدتا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇڭ، قادىر بولالمىسىڭىز يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ»دېگەن، ھەقىقەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككىنچى ئىشتا: «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر»دېگەن. ئۇ بىرىنچىسىدىن ئىككىنچىسى ئاسان ۋە يەڭگىل بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ