عن أبي سَلمة بن عبد الرحمن، أنه أخْبَره: أنه سَأل عائشة رضي الله عنها ، كيف كانت صلاة رسول الله صلى الله عليه وسلم في رمضان؟ فقالت: «ما كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يَزيد في رمضان ولا في غَيره على إحدى عَشرة ركعة يصلِّي أربعا، فلا تَسَل عن حُسْنِهِنَّ وَطُولِهِنَّ، ثم يصلِّي أربعا، فلا تَسَل عن حُسْنِهِنَّ وَطُولِهِنَّ، ثم يصلَّي ثلاثا». قالت عائشة: فقلت يا رسول الله: أتنام قبل أن توتر؟ فقال: «يا عائشة إن عَيْنَيَّ تَنَامَانِ ولا يَنام قَلْبِي»
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرەھماندىن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى نامازلىرى قانداق ئىدى؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن، ئاندىن يەنە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن، ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!سىلى ۋېتىر نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۇخلاملا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى مەلۇم، شۇنداق بولغاچقا ئەبۇ سەلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدىكى نامىزى: رەكەتلەرنىڭ سانى جەھەتتىن رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىغا ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىنىڭ پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى، يىل بويى ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ كەيپىيىتىنى بايان قىلىپ: «تۆت رەكەت ئوقۇيتتى» دېگەن، مەقسەت: ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، ئاندىن يەنە ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بىرەتتى،- دېگەنلىك، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستىكى ئىخچاملىقنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە تەپسىلى بايان قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بامداتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن سالام بىرەتتى، ئاخىردا بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى» دېگەن، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە نامىزى ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. «ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن»، يەنى: نامازنى قانداق شەكىلدە ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىمىغىن، چۈنكى ئۇ نامازلار ياخشىلىقىدا، قىيامدا ئۇزۇن تۇرىشىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىدە ئەڭ گۈزەل ۋە مۇكەممەل. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كېيىنكى تۆت رەكەت نامازمۇ ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن بولۇپ، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى، ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقى، ۋە رۇكۇ-سەجدىلىرى توغرۇلۇق سورىمىغىن. «ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى»، ھەدىسنىڭ ئېنىق مەنىسى: ئۈچ رەكەتنى بۆلمەي، داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرقى رەكەتتە سالام بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يەنە بىر رىۋايىتى: ئىككى رەكەتتە سالام بىرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەدىسنىڭ تېكىستى: «ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بىرەتتى ۋە بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى»، بۇ ھەدىس ئۈچ رەكەتنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلى ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟، يەنى: ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى قانداق ئۇخلايلا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېگەن، مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئۇخلىغاندەك قەلبى ئۇخلىمايدۇ، ھەر نەرسىنى سېزىدۇ ۋە تۇيىدۇ. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋە بېكىتىش ئاشۇنىڭدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشىمۇ ۋەھيى بولغان