عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعًا: «من نام عن وتره، أو نسيه، فَلْيُصَلِّه إذا ذكره».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
تاڭ يورۇغىچە ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئوقۇۋالسۇن. بۇ ھەدىس: ئۇخلاپ قالغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۆزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر نامىزىنى تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ