+ -

عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما : «أنه كان يسير على جمل فأعيا، فأراد أن يُسَيِّبَهُ. فلحقني النبي صلى الله عليه وسلم فدعا لي، وضربه، فسار سيرا لم يَسِرْ مثله. ثم قال: بِعْنِيهِ بأُوقية. قلتُ: لا. ثم قال: بِعْنِيه. فَبِعْتُهُ بأوقية، واستثنيت حُمْلَانَهُ إلى أهلي. فلما بلغت: أتيته بالجمل. فنقدني ثمنه. ثم رجعت. فأرسل في إثري. فقال: أتَرَانِي مَاكستُكَ لآخذ جملك؟ خذ جملك ودراهمك، فهو لك».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئۇ بىر تۆگىگە مېنىپ مېڭىۋاتاتتى، تۆگە ھېرىپ قالدى، شۇڭا ئۇنىڭغا مىنمەي قويۇپ بېرىشنى ئويلىدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا يېتىشىپ كەلدى ۋە ماڭا دۇئا قىلىپ ئۇ تۆگىنى بىر ئۇرۇپ قويۇۋىدى، ئۇ ھېچقاچان مېڭىپ باقمىغان تېزلىكتە مېڭىپ كەتتى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: ئۇنى ماڭا بىر ئۇقىيەگە ساتقىن! دېدى، مەن: ياق، دېدىم. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: ئۇنى ماڭا ساتقىن! دېدى، مەن ئۇنى بىر ئۇقىيەگە ساتتىم، ئەمما مەن ئائىلەمگە قايتىۋالغۇچە بۇ تۆگىگە مېنىشنى شەرت قىلدىم. مەدىنىگە يىتىپ بارغاندا، تۆگىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدىم، ماڭا توگىنىڭ پۇلىنى نەخ بەردى. ئاندىن مەن قايتتىم. پەيغەمبىرىمىز ئارقامدىن ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرتىپ ئېيتتىكى: مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئېلىۋالدى، دەپ قارامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنىمۇ ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئېدى، جابىر مىنگەن تۆگە ئۇرۇقلىقىدىن ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە مېڭىشتىن ھېرىپ قالدى، ھەتتا ئۇنىڭ پايدىسى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قويۇۋېتىشنى ئويلىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئۈممىتىگە بولغان مېھرى - شەپقىتىدىن ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ماغدۇرى قالمىغان ئاجىزلار ۋە ئۇزۇق - تۈلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ بېشىنى سىلايتتى. جابىر ئاشۇ ئۇرۇق - كۈچىدىن قالغان تۆگىسىگە مېنىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشتى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ قويۇۋىدى، ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋە رەھىمدىل ئۇرۇپ قويۇشى ئاشۇ جانسىز تۆگىگە كۇچ - قۇۋۋەت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچقاچان مېڭىپ باقمىغان تېزلىكتە مېڭىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقىدىن، جابىرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇ سەپەرنى يەڭگىللىتىدىغانغا گەپلىشىپ مېڭىشنى ئويلاپ، ئۇنى ماڭا بىر ئۇقىيەگە ساتقىن! دېدى. جابىر ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمىدىن تاما قىلدى، بۇ ئىشنىڭ ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەتتا ئۇنى ساتمىسا ئۇنىڭ دىنى كاملاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇق كەسكىن ئەمەستى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتا سورىدى، ئاندىن ئۇ تۆگىنى رەسۇلۇللاھقا بىر ئۇقىيەگە ساتتى، ئەمما ئۇنى مەدىنىدىكى ئائىلىسىگە قايتىۋالغۇچە مىنىۋېلىشنى شەرت قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار يىتىپ كەلگەندە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا تۆگىنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى بەردى. ئۇ قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى قايتا چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇ قايتىپ كېلىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى: مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئىلىۋىلىشقا تاما قىلىپ سودا قىلدى، دەپ ئويلامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنى ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن دېدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىللىكى، ئالاھىدە ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىرى مەۋجۇتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ