عن أنس قال: قال أبو طَلحَة لأم سليم: قد سمعت صوت رسول الله صلى الله عليه وسلم ضعيفًا أعرف فيه الجُوع، فهل عندك من شيء؟ فقالت: نعم، فَأَخْرَجَت أَقْرَاصًا من شَعير، ثم أَخَذْتْ خِمَارًا لها، فَلفَّت الخُبْزَ بِبَعْضِه، ثم دسَّتْهُ تحت ثوبي ورَدَّتني ببعضِه، ثم أرسَلَتني إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم فَذَهَبَتُ به، فوجدت رسول الله صلى الله عليه وسلم جالسًا في المسجد، ومعه الناس، فَقُمتُ عليهم، فقال لي رسول الله صلى الله عليه وسلم : «أرسلك أبو طلحة؟» فقلت: نعم، فقال: « أَلِطَعَام؟» فقلت: نعم، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «قوموا» فانْطَلَقُوا وانطَلَقتُ بين أيديهم حتى جئت أبا طَلَحة فَأَخْبَرتُهُ، فقال أبو طلحة: يا أم سليم، قد جاء رسول الله صلى الله عليه وسلم بالناس وليس عندنا ما نُطعِمُهُم؟ فقالت: الله ورسوله أعلم. فانطلق أبو طلحة حتى لقي رسول الله صلى الله عليه وسلم فأقبل رسول الله صلى الله عليه وسلم معه حتى دخلا، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : « هَلُمِّي ما عندك يا أم سليم» فأتت بذلك الخبز، فأمر به رسول الله صلى الله عليه وسلم فَفُتَّ، وَعَصَرَتْ عليه أم سليم عُكَّةً فَآدَمَتْهُ ، ثم قال فيه رسول الله صلى الله عليه وسلم ما شاء الله أن يقول، ثم قال: «ائْذن لعشرة» فَأَذِنَ لَهُم فأكلوا حتى شَبِعُوا ثم خرجوا، ثم قال: «ائْذَن لعشرة» فأذن لهم حتى أكل القُوم كلُّهم وشَبِعُوا والقوم سبعون رجلا أو ثمانون. متفق عليه. وفي رواية: فما زال يَدخُل عشرة، ويخرج عشرة حتى لم يبق منهم أحد إلا دخل، فأكل حتى شَبِع، ثم هَيَّأهَا فإذا هي مِثْلُهَا حين أكلوا منها. وفي رواية: فأكلوا عشرة عشرة، حتى فعل ذلك بثمانين رجلا، ثم أكل النبي صلى الله عليه وسلم بعد ذلك وأهل البيت، وتركوا سُؤْرَا. وفي رواية: ثم أفْضَلُوا ما بَلَغُوا جِيرانهم. وفي رواية عن أنس، قال: جئت رسول الله صلى الله عليه وسلم يوما، فوجدته جالسا مع أصحابه، وقد عَصَبَ بَطنه، بِعُصَابة، فقلت لبعض أصحابه: لِم عَصَبَ رسول الله صلى الله عليه وسلم بطنه؟ فقالوا: من الجُوع، فذهبت إلى أبي طلحة، وهو زوج أم سليم بنت مِلْحَان، فقلت: يا أبَتَاه، قد رأيت رسول الله صلى الله عليه وسلم عَصَبَ بطنه بِعِصَابَة، فسألت بعض أصحابه، فقالوا: من الجُوع. فدخل أبو طلَحَة على أمي، فقال: هل من شيء؟ قالت: نعم، عندي كِسَرٌ من خُبزٍ وتمرات، فإن جاءنا رسول الله صلى الله عليه وسلم وحده أشْبَعنَاه، وإن جاء آخر معه قَلَّ عنهم... وذكر تمام الحديث.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ، ئەنەس ئېيتتى: ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، يېگۈدەك بىر نەرسەڭ يوقمۇ؟ دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم: بار، دەپ، بىر نەچچە ئارپا نېنىنى ئېلىپ چىقىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ رومىلىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىر تەرىپىگە نانلارنى ئوراپ ئۇنى كىيىمىمنىڭ ئاستىغا تىقىپ، يەنە بىر تەرىپىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى، مەن ناننى ئېلىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر مۇنچە كىشىلەر بىلەن بىللە مەسچىتتە ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتىم، مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟» دېدى، مەن جاۋابەن: ھەئە، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تاماق ئۈچۈنمۇ؟»دېدى، مەن: ھەئە، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇرۇڭلار» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭدى، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كېلىپ ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر بەردىم، ئۇ: ئى ئۇممۇ سۇلەيم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈدەك تامىقىمىز بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ دېدى، ئايالى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلىدۇ، دېدى. ئەبۇ تەلھە چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇممۇ سۇلەيم! بار نەرسىڭىزنى كەلتۈرۈڭ» دېدى، ئۇ ئاشۇ ئارپا نېنىنى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇيرىۋىدى، نان ئوشتۇلدى، ئۇممۇ سۇلەيم ناننىڭ ئۈستىگە ياغ ئالىدىغان تۇلۇمنى سىقىپ، نانغا ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈدەك ياغ چىقاردى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نانغا ئاللاھ خالىغان بىر نېمىلەرنى ئوقۇدى، ئاندىن: «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، شۇ تەرىقىدە كەلگەن بارلىق ئادەم يەپ تويدى، كەلگەنلەر يەتمىش-سەكسەن ئادەم ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: كىشىلەر ئوندىن-ئوندىن كىرىپ چىقىپ شۇ تەرىقىدە سەكسەن ئادەم تويغۇزۇلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆي ئىگىلىرىمۇ يېدى، ئەمما تاماقنى ئۇلارمۇ ئاشۇرۇپ قويدى دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار قوشنىلىرىغىمۇ يەتكۈدەك ئاشۇرۇپ قويدى دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەنەس مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر كۈنى ئىزدەپ كېلىپ، ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتىم، ئۇ قورسىقىنى تېڭىۋالغان ئىدى، مەن ساھابىلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىشقا قورسىقىنى تېڭىۋالدى؟ دېسەم، ئۇلار: ئاچلىقتىن دېدى. مەن ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا باردىم، ئۇ مىلھاننىڭ قىزى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئېرى ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئى ئاتا! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقىنى تېڭىق بىلەن تېڭىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بەزى ساھابىلىرىدىن سورىسام، ئۇلار: ئاچلىقتىن دەيدۇ، دېدىم، ئۇ ئانامنىڭ قېشىغا كىرىپ: يېگۈدەك نەرسەڭ يوقمۇ؟ دېۋىدى، ئۇ: بار، بىر پارچە نان ۋە نەچچە تال خورما بار، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز كەلسە تويغۇزالايمىز، باشقىلارمۇ بىللە كەلسە ئۇلارغا ئازلىق قىلىدۇ، دېدى. ئەنەس ھەدىسنى يۇقىرىقىدەك ئاخىرغىچە بايان قىلدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق ئاچلىق يەتكەن بولۇپ، بۇنى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىنىڭ بوشلۇقىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋالدى، ئايالى ئۇممۇ سۇلەيمگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە بارمۇ؟، دەپ سورىغان ئىدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ھەئە، ئۆيىمىزدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچلىقىنى تويغۇزغۇدەك نەرسە بار، دېدى-دە، ئارپا نېنىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ياغلىقىنىڭ بىر تەرىپىگە ئوراپ، ئەنەسنىڭ كىيىمىنىڭ ئاستىغا تىقىپ، ياغلىقنىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن ئەنەسنىڭ قوينىدىكى ناننى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا توندەك قىلىپ قويدى، ئەنەس مەسچىتكە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا تاپتى، ئەنەس ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟» دېدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىزنى تاماققا چاقىرىش ئۈچۈنمۇ؟» دېدى، ئەنەس: ھەئە، دېدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ساھابىلار كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئادەتتە ساھابىلارنى ئايرىپ قويۇپ، بىرنەرسە يېمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يېمەكلىكنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرەلمەي، پەقەت "تاماققا چاقىردى" دېدى، ئەنەس شۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيگە كەلسە يېمەكلىكنى يەپ قايتىدۇ دەپ، شۇنداق دېگەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «تۇرۇڭلار» دېدى، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭدى، ئەنەس ئېيتتى: مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىئارام بولدۇم، ھەتتا ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتىم، دېدى، ئەبۇ تەلھە: ئى ئۇممۇ سۇلەيم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ، ئۆيدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈدەك يېمەكلىك يوققۇ؟ دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىشنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قايتۇردى، گوياكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت مۆجىزىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگەندەك بولدى، مانا بۇ ئۇنىڭ زېرەك، ئەقلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئەبۇ تەلھە ئۆيدىن چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋالدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشلاپ ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرىپ: «تاماقنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆيدە ئۇممۇ سۇلەيم تەييار قىلغان نانلا بار ئىدى- دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: پەقەت بىر نان بار ئىدى-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىنى يالغۇز چاقىرىپ كېلىشكە ئەنەسنى ئەۋەتكەن ئىدىم، بىزنىڭ يېنىمىزدا مەن كۆرگەن بۇ كىشىلەرگە يەتكۈدەك تاماق يوق-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆيگە كىرگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلادا بار بولغان تاماققا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقتىدا: «ئى ئۇممۇ سۇلەيم! بار تاماقنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم ھېلىقى ناننى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ناننى ئوشتۇشقا بۇيرىدى، ئۇممۇ سۈلەيم ئوشۇتۇلغان ناننىڭ ئۈستىگە ماي تۇلۇمىدىكى ماينى سىقىپ سۈركىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مايلىق توقاچ بولدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نانغا ئاللاھ خالىغان بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى، يەنى ئاللاھ تائالا بۇ ئاز يېمەكلىككە بەرىكەت بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن ئورالغان ناننى ئېلىپ كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېچىپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! بۇنىڭ بەرىكىتىنى كاتتا قىلسىلا» دېدى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ، ھەتتا تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ھەتتا جامائەتنىڭ ھەممىسى يېمەكنى يەپ تويدى، ئۇلار يەتمىش ياكى سەكسەن ئادەم ئىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۆيگە ئون كىشى كىردى، ئون كىشى چىقتى، ھەتتا ھەممە كىشى ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن تاماققا قارىسا ئۇ تاماق دەسلەپتە ساھابىلارغا ئالغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش تۇرۇپتۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار ئوندىن-ئوندىن كىرىپ يېدى، ھەتتا سەكسەن ئادەم شۇنداق قىلدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر يېدى، يەنە تاماق ئېشىپمۇ قالدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەتراپتىكى خوشنىلارغىمۇ يەتكۈدەك تاماق ئېشىپ قالدى