عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما مِن صاحب ذَهب، ولا فِضَّة، لا يُؤَدِّي منها حقَّها إلا إذا كان يوم القيامة صُفِّحَتْ له صَفَائِحُ من نار، فَأُحْمِيَ عليها في نار جهنَّم، فيُكْوى بها جَنبُه، وجَبينُه، وظهرُه، كلَّما بَرَدَت أُعِيْدَت له في يوم كان مِقداره خمسين ألف سنة، حتى يُقْضَى بين العِباد فَيَرى سَبِيلَه، إما إلى الجنة، وإما إلى النار». قيل: يا رسول الله، فالإبْل؟ قال: «ولا صَاحِبِ إِبل لا يُؤَدِّي منها حَقَها، ومن حقِّها حَلْبُهَا يوم وِرْدِهَا، إلا إذا كان يوم القيامة بُطِح لها بِقَاعٍ قَرْقَرٍ. أوْفَرَ ما كانت، لا يَفْقِد منها فَصِيلا واحِدَا، تَطَؤُهُ بِأخْفَافِهَا، وتَعَضُّه بِأفْوَاهِهَا، كلما مَرَّ عليه أُولاَها، رَدَّ عليه أُخْرَاها، في يوم كان مِقْداره خمسين ألف سنة، حتى يُقضى بين العباد، فَيَرَى سَبِيلَه، إما إلى الجنة، وإما إلى النار». قيل: يا رسول الله، فالبقر والغنم؟ قال: «ولا صاحب بقر ولا غَنَم لاَ يُؤَدِّي منها حقها، إلا إذا كان يوم القيامة، بُطِح لها بِقَاعٍ قَرْقَرٍ، لا يَفْقِد منها شيئا، ليس فيها عَقْصَاء، ولا جَلْحَاء، ولا عَضْبَاءُ، تَنْطَحُهُ بِقُرُونِها، وتَطَؤُهُ بِأظْلاَفِهَا، كلَّمَا مَرَّ عليه أُولاَها، رَدَّ عليه أُخْرَاها، في يوم كان مِقداره خمسين ألف سنة حتى يُقضى بين العِباد، فَيَرَى سَبيلَه، إما إلى الجنة، وإما إلى النار». قيل: يا رسول الله فالخيل؟ قال: «الخَيل ثلاثة: هي لرَجُلٍ وِزْرٌ، وهي لرَجُل سِتْر، وهي لِرَجُلٍ أجْرٌ. فأمَّا التي هي له وِزْرٌ فَرَجُلٌ ربَطَهَا رِيَاءً وَفَخْرًا وَنِوَاءً على أهل الإسلام، فهي له وِزْرٌ، وأما التي هي له سِتْرٌ، فرَجُل ربَطَها في سبيل الله، ثم لم يَنْس حَقَّ الله في ظُهورها، ولا رقَابِها، فهي له سِتْرٌ، وأما التي هي له أَجْرٌ، فرَجُل ربَطَها في سبيل الله لأهل الإسلام في مَرْج، أو رَوْضَةٍ فما أكلت من ذلك المَرْجِ أو الرَّوْضَةِ من شيء إلا كُتِبَ له عَدَدَ ما أكَلَتْ حسنات وكتب له عَدَد أرْوَاثِهَا وَأبْوَالِهَا حسنات، ولا تَقْطَعُ طِوَلَهَا فَاسْتَنَّتْ شَرَفا أو شَرَفَيْنِ إلا كَتَب الله له عَدَد آثَارِهَا، وَأرْوَاثِهَا حسنات، ولا مَرَّ بها صَاحِبُها على نَهْر، فشَربَت منه، ولا يُريد أن يَسْقِيهَا إلا كَتَب الله له عَدَد ما شَرَبت حسنات» قيل: يا رسول الله فالحُمُرُ؟ قال: «ما أُنْزِل عليَّ في الحُمُر شيء إلا هذه الآية الفَاذَّة الجَامعة: ?فمن يعمل مثقال ذرة خيرا يره ومن يعمل مثقال ذرة شرا يره? [الزلزلة: 7 - 8]».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ»، بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگەنگە قەدەر، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ،- دېدى. بەزىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! تۆگىنىڭچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تۆگىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىكتە تۆگىلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىنىدۇ، تۆگىلەر ئەڭ تولۇق ھالەتتە، بىر بوتىلاقنىمۇ يوقىتىپ قويماستىن، ئۇ كىشىنى دەسسەپ ۋە چىشلەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان تۆگىلەر چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى تۆگىلەرگە قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. تۆگىنى سۇغارغان كۈنى ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ مۇھتاجلارغا بېرىشمۇ تۆگىسى بار كىشىنىڭ ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك ھەقتۇر، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! كالا ۋە قويلارچۇ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: كالا ۋە قوينىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى بارلىق كالا ـ قويلانىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىلىدۇ، ئۇ كالا ۋە قويلار بىرسىمۇ كەم بولمايدۇ، ئىچىدە مۈڭگۈزى ئەگرى ياكى مۈڭگۈزى يوق ۋە ياكى مۈڭگۈزى سۇنۇقلىرى تېپىلمايدۇ، كالا ۋە قويلار ئۇ كىشىنى مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈپ، تۇياقلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان كالا–قويلار چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى كالا–قويلارغا قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئات ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بىرسى ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىگە ئەجىر ئېلىپ كېلىدۇ. گۇناھ ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باقىدۇ. بۇنداق ئات ئۆز ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ. ھاجەتتىن چىقىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن باقىدۇ ھەمدە ئۇ ئاتنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بۇنداق ئات ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. ئەجىر ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئاتىۋېتىدۇ. ئۇ ئات ئوتلاقلاردا قانچىلىك ئوت-چۆپ يېسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. قانچىلىك تېزەكلىسە ياكى قانچىلىك سىيسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. ھەتتا باغلاقلىق يېرىدىن ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن-بۇ دۆڭگە چىپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ تائالا كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ئات ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، ئېتىنى سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئەجىر بېرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئېشەكلەرچۇ؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئېشەكلەر توغرىسىدا بۇ مول مەزمۇنلۇق ئايەتتىن باشقا ئايرىم ۋەھيى چۈشمىدى، دېگەن: «كىمىكى زەررە چاغلىق ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىدۇ، كىمىكى زەررە چاغلىق يامانلىق قىلسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» ئايەت
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىكەن، قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئۇ كىشى جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن لېگەنلەر ياسىلىپ، جەھەننەم ئوتلىرى بىلەن قىزىتىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ. ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرگە ھەر قانداق ئەھۋالدا زاكات كېلىدۇ. ئەگەر زاكاتنى بەرمىسە ئۇ كىشىنىڭ جازاسى يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ بايان قىلغان شەكىلدە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تۆگىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ شۇنداق، دېگەن، تۆگىسى بار كىشى ئاللاھ تائالا ۋاجىپ قىلغان زاكاتنى ۋە تۆگىنى سۇغارغان كۈنى ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ مۇھتاجلارغا بېرىشتەك ھەقلەرنى ئادا قىلمايدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىككە تاشلىنىدۇ. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدسىتە: تۆگىلەر ئۇ كۈندە شۇ قەدەر چوڭكى، ئىگىسىنى دەسسەپ ئازابلاشتا ئېغىر ۋە كۈشلۈك بولۇپ پەيدا بولىدۇ. بېشىدا ئۆتۈپ بولغان تۆگىلەر چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى تۆگىلەرگە قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ دەسسەپ تۇرىدۇ. بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: بۇ كىشى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، ئەللىك مىڭ يىل ئىزچىل ئازابلىنىدۇ،- دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! كالا ۋە قويلارچۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: كالا ۋە قوينىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى بارلىق كالا-قويلانىڭ ئالدىغا كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىككە تاشلاپ بېرىلىدۇ، كالا، قوي ھەققىنى ئادا قىلمىغان كىشىگە تۆگىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان كىشىگە دېيىلگەن گەپلەر دېيىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئازابلاش ئېغىر بولۇش ئۈچۈن كالا-قويلار تولۇق مۈڭگۈزلۈك بولىدۇ،- دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتچۇ؟ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ئات ئۈچ تۈرلۈك بۆلىدۇ، بىرسى ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىگە ئەجىر ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. ئاندىن بۇ ئۈچ تۈرنى بايان قىلىپ بەردى. بىرىنچى تۈرى: گۇناھ ئېلىپ كېلىدىغان ئات، ئۇنى ئىگىسى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باقىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئات ئۆز ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشى ئاتنى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باققان، قىيامەت كۈنى بۇ كىشىگە ئېغىر گۇناھ بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى تۈرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ بولسىمۇ ھاجەتتىن چىقىدىغان ئات، ئىگىسى ئۇنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان، ھەمدە ئۇ ئاتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يەنى بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئات بېقىپ، ئۇنىڭ بالىسى ۋە سۈتلىرىدىن پايدىلانسا، يۈك ئارتسا، كىراغا ئىشلەتسە ۋە شۇ ئىشلار ئارقىلىق كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىمىسا، يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بولسا بۇنداق ئات ئىگىسىنى پېقىرلىقتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك بىر نەرسىسى بار تۇرۇپ، يەنە كىشىلەردىن خەيىر-ئىھسان تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر. «ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاتنى ئاللاھ يولىدا مىنسە، ھاجىتى چۈشكەندە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتماي لايىقىدا يۈك ئارتىپ ماڭسا، ئاتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ھەر تۈرلۈك تەھلىكىدىن ساقلىسا، ئات بۇ كىشىنى پېقىرلىقتىن ساقلايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۈچىنچى تۈرىنى مۇنداق بايان قىلغان: ئەجىر ئېلىپ كېلىدىغان ئات: ئۇنى ئىگىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يايلاققا باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئات يايلاقلاردا قانچىلىك ئوت-چۆپ يېسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. قانچىلىك تېزەكلىسە ياكى قانچىلىك سىيسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. ھەتتا ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن بۇ دۆڭگە چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ، دېدى. يۇقارقى سۆزنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد ئۈچۈن تەييارلىغان، مەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسى جىھاد قىلسۇن ياكى ئۇ ئات بىلەن باشقىلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئاتىۋەتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ ئاللاھ تائالا ئوخشاشلا ئەجىر بېرىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: كىمىكى مۇجاھىدنى قۇراللاندۇرسا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، دېگەن. بۇ كىشى ئېتىنى جىھاد ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان بولغاچقا، ئاتنىڭ يېگەن، ئىچكەن، تىزەكلىگەن ۋە سىيگەن ھەر بىر ئىشىگە ئاللاھ تائالا ئەجىر-ساۋاب يازىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ تائالا ھېچبىر بەندىسىگە زۇلۇم قىلمايدۇ» دېگەن. «ھەتتا ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن بۇ دۆڭگە چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ كۆپ ئەجىر بېرىدۇ» يەنى بىر ئورۇندا ئوتلاش ئۈچۈن ۋە قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باغلاپ قويۇلغان ئارقاننى ئۈزۈپ يىراق ئورۇنلارغا ئوتلاش ئۈچۈن كەتكەن بولسا ئاللاھ تائالا ئات ئىگىسىگە ھەر بىر ئىزى، تىزىگى ۋە سۈيدۈكىنىڭ سانىنىڭ مىقدارىدا ئەجىر بېرىدۇ. «ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ» يەنى ئ دەريا ياكى ئېرىقلاردىن ئىگىسى سۇغۇرۇشنى نىيەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئات ئۆزى سۇ ئىچىۋالسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئەجىر بېرىدۇ. چۈنكى بۇ كىشى ئىلگىرى ئېتىنى ئاللاھ يولىدا، دەپ نىيەت قىلغان، نىيەتنى ھەر بىر ئىشتا ئايرىم-ئايرىم قايتىلاش زۆرۈل، شەرىت ئەمەس. بۇ كىشى ئۆيدىن چىققاندا باشقا ئىشقا نىيەت قىلمىغانلا بولسا ئىلگىرى قىلغان نىيىتى ھىساب بولىدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئېشەكلەرچۇ؟ دەپ سوراشتى. يەنى ئېشەكلەرنىڭ ھۆكمى يۇقارقى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ھايۋانلار ھۆكمىدە بولامدۇ ياكى ئاتنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ، دەپ سورىغاندا. رەسۇلۇللاھ: ماڭا ئېشەك ھەققىدە بۇ مول مەزمۇنلۇق ئايەتتىن باشقا ئايەت نازىل بولمىدى، دېگەن. «كىمىكى زەررەچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمىكى زەررەچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغان. يەنى ئېشەك ھەققىدە ئوچۇق بىر ئايەت نازىل بولمىدى، لىكىن بۇ ئايەت ھەممە ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايەت، دېگەن. ھەقىقەتەن بۇ ئايەت بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئەڭ ئەرزىمەس، زەررىچىلىك نەرسىگە ئىنسان جازالانسا ياكى مۇكاپات بېرىلسە ئۇنىڭدىن كاتتا ۋە چوڭ بولغان ئىشلاردا ئەلۋەتتە جازا-مۇكاپات ئېغىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇ قىيامەت كۈنىدە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار ئۆزى بىلەن قىلغان يامان ئىشلىرى ئارىسىدا مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» ئال ئىمران سۈرىسى 30- ئايەت