عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«الْإِيمَانُ بِضْعٌ وَسَبْعُونَ -أَوْ بِضْعٌ وَسِتُّونَ- شُعْبَةً، فَأَفْضَلُهَا قَوْلُ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَدْنَاهَا إِمَاطَةُ الْأَذَى عَنِ الطَّرِيقِ، وَالْحَيَاءُ شُعْبَةٌ مِنَ الْإِيمَانِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىماننىڭ نۇرغۇن شاخچا ۋە كۆپ خىسلەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەللەرنى، سۆزلەرنى ۋە ئېتىقادلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى :«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر» ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىبادەتلەرگە ھەقلىق بولغان يەككە-يىگانە بىر ئىلاھتۇر.
ئىماننىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر پارچىسىى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ھايا دېگەن ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا ۋە قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىماننىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولۇپ بەزىسى بەزىسىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.
  2. ئىمان دېگەن؛ سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: ئاللاھ چەكلىگەن ئىشىدا سېنى كۆرمەسلىك ۋە بۇيرىغان ئىشىدا سېنى يوقۇتۇپ قويماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
  4. ساننى زىكىر قىلىش ئۇنىڭدىلا توختاشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ئىماننىڭ دائىرىسىگە كېرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەرەپلەر بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ساننى زىكىر قىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنىنى رەت قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ