عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه مرفوعاً: «إذا كان يومُ القيامة دفع اللهُ إلى كل مسلم يهوديا أو نصرانيا، فيقول: هذا فِكَاكُكَ من النار». وفي رواية: «يجيء يومَ القيامة ناسٌ من المسلمين بذنوبٍ أمثالِ الجبال يغفرها الله لهم».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي ياكى بىر خىرىستىئاننى ئېلىپ كېلىپ: مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا ئالماشتۇرۇلغان كىشىدۇر دەيدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان كىشىلەر تاغدەك گۇناھلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۋېتىدۇ»دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە كەلگەن مەزمۇن شۇ: «ھەر بىر ئىنساننىڭ جەننەتتە ۋە دوزاختا ئورنى بولىدۇ، مۆمىن جەننەتكە كىرگەندە ، كاپىر دوزاختا ئۇنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھغا كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا لايىق بولدى» ۋە «سېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچۇڭ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: سەن دوزاخقا كىرىش ئۈچۈن تەڭلەنگەن ئىدىڭ، بۇ سېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچۇڭ بولدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا تائالا دوزاخ ئۈچۈن ئۇنى توشقۇزغۇدەك ساننى تەييار قىلدى، كاپىرلار كۇپىرلىقى ۋە گۇناھى سەۋەبلىك دوزاخقا كىرگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىغا دوزاخقا كىرگەن بولدى، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ