عن بعض أزواج النبي صلى الله عليه وسلم عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. رەمبال-پالچىلىق قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  2. بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىغا ئاساسەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
  3. ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ قاتارىغا: ئالقانغا قاراپ بىر نەرسە ئوقۇش، پىيالە ياكى ئاپتۇۋا چۆگۈلتىش، ئاسمان ئوربىتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. (گەرچە ئۇنى بىلىپ بىقىشنى مەقسەت قىلسىمۇ) چۈنكى شۇنىڭ ھەممىسى رەمبال-پالچىلىق ۋە غەيىپنى بىلىمەن دېگەننى دەۋا قىلىشتۇر.
  4. ئەگەر رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بارغاننىڭ جازاسى بۇنداق ئېغىر بولسا، ئۇنى قىلغۇچىنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!!.
  5. قىرىق كۈنلۈك نامىزى ئادا بولىدۇ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئۇ نامازلارغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.