عن ابن عباس رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : "من اقتَبَس شُعْبَة من النُّجوم؛ فقد اقتَبَسَ شُعْبة من السِّحْر، زاد ما زاد".
[صحيح] - [رواه أبو داود وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىم يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سېلىشتىن تەلىم ئالسا، سېھرىگەرلىكتىن تەلىم ئالغان بولىدۇ، قانچىكى ئاشۇرسا سېھىرگەرلىكنى ئاشۇرغان بولىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
غەيب ئىلمى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاسلاشتۇرغان ئىلىملارنىڭ بىرى بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيب سىرلىرىنى بىلمەكچى بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى توسقان، ئاسمان جىسىملىرىدىكى ئەھۋاللارنى زېمىندىكى ھادىسىلەرگە دەلىل قىلىدىغان يۇلتۇزغا قاراپ پال سېلىش شۇنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئۆگۈنۈش سېھرىگەرلىكنىڭ بىر تۈرى، ئىنسان ئۇنىڭدىن قانچىكى كۆپ تەلىم ئالسا، سىھرىگەرلىكتىن شۇنچىلىك تەلىم ئالغان بولىدۇ» دەپ بايان قىلغان