عن عمران بن حصين رضي الله عنه وابن عباس رضي الله عنهما مرفوعاً: «ليس منا من تَطَيَّر أو تُطُيِّر له، أو تَكَهَّن أو تُكِهِّن له، أو سحَر أو سُحِر له؛ ومن أتى كاهنا فصدَّقه بما يقول؛ فقد كفر بما أنزل على محمد صلى الله عليه وسلم ».
[صحيح] - [رواه البزار عن عمران بن حصين -رضي الله عنهما-. ورواه الطبراني في الأوسط عن ابن عباس -رضي الله عنهما]
المزيــد ...

ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: كىمكى شۇم پال ئالسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا پال سېلىپ بەرسە، غەيىپتىن سۆزلىسە ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا غەيىپتىن سۆزلەپ بەرسە، سېھىر قىلسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا سېھىر قىلىپ بەرسە، ئۇ بىزدىن ئەمەس. كىمكى غەيىپتىن گەپ قىلغۇچىدىن سوراپ ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنسە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بەززار"مۇسنەد بەززار" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: شۇم پال ئېلىش، غەيىپتىن سۆزلەش ۋە سېھىرلەش ئىشلىرىنى قىلغانلار ياكى قىلدۇرغانلار بىزنىڭ شەرىئىتىمىزگە شۇنداقلا بىزگە ئەگەشكەنلەرنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاس قىلغان ئىلمى غەيىبنى بەندىنىڭ بىلىمەن دەپ داۋا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئەقىدە ۋە ئەقىلنى بۇزىدۇ. كىمكى بۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلغانلارغا ئىشەنسە، بۇ جاھىلىيەت قىلمىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھى ۋەھيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. يەنە: بەزى ئادەملەرنىڭ ئالقانغا قاراپ، ياكى پىيالىگە قاراپ غەيبتىن سۆزلەشلىرى، ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئامىتىنى يۇلتۇزغا ئالاقىدار دەپ قاراش قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىمام ئەلبەغەۋى ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىيە: پالچى، ئىلمى غەيىپتىن سۆزلىگۈچى، مۇنەججىم ۋە رەممال دەپ ئاتالغانلارنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن خۇلاسىلىغان: شۈبھىسىزكى، كىمكى غەيبنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلسا، پالچى دېگەن ئىسىمنىڭ ئاستىغا كىرىدۇ ياكى شۇ مەنادا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. پالچى: كېيىنكى زاماندا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ بەزى خەۋەرلەرنى ئاسماندىن گەپ ئوغرىلايدىغان شەيتانلاردىن ئالىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ