عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «لا يَقُلْ أحدُكم: اللهم اغفِرْ لي إن شِئْتَ، اللهم ارحمني إن شِئْتَ، لِيَعْزِمِ المسألةَ، فإن الله لا مُكْرِهَ له». ولمسلم: «وَلْيُعَظِّمِ الرَّغْبَةَ، فإن الله لا يَتَعَاظَمُه شيءٌ أعطاه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئارزۇسىنى چوڭ قىلسۇن! ئاللاھ تائالا بېرىدىغان نەرسىلەردىن ئۇنىڭغا چوڭ كېلىپ قالىدىغان نەرسە يوقتۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پۈتۈن بەندىلەر ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىدىن بىھاجەت، ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ لايىق، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچى زات بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمكى دۇئا قىلىدىكەن، دۇئادا ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويماستىن، بۇ تەلەپنى كەسكىن قىلىشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھتىن تىلەيدىغان تەلەپلەرنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويۇش، خۇددى ئاللاھ تائالاغا بەندىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن بىرەر نەرسە ئېغىر كېلىدىغاندەك ياكى ئۇنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداشقا ئاللاھ تائالانى بىرەر مەخلۇق مەجبۇرلايدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ خىلاپىدۇر. شۇنداقلا بۇنداق دۇئا قىلىش، بەندىنىڭ ئاللاھتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشىدا سۇسلۇق قىلىش ياكى ئۇنىڭ ياردىمىدىن بىھاجەت بولغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ماھىيەتتە بەندە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتىكى مۇددەتتىمۇ ئاللاھتىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئۇنداق دۇئا قىلىش دۇئا ئىبادىتىنىڭ روھى بولغان ھاجەتمەتلىككە خىلاپتۇر، چۈنكى بەندىنىڭ دۇئانى جەزىملەشتۇرۇپ كەسكىن قىلماسلىقى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ياخشىلىقنىڭ ھەرقاندىغىنى ئاللاھتىن يالۋۇرۇپ سوراشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا بېرىشنى خالىغان ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق بىر تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلىپى چوڭ كېلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى ئۆزى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرنەرسىگە قادىردۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ