عن أُبَيُّ بن كَعْبٍ رضي الله عنه مرفوعاً: «لا تَسُبُّوا الرِّيحَ، فإذا رأيتم ما تكرهون فقولوا: اللهم إنا نَسْأَلُكَ مِن خير هذه الريح، وخير ما فيها، وخير ما أُمِرَتْ به، ونعوذ بك من شر هذه الريح، وشر ما فيها، وشر ما أُمِرَتْ به» .
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز: سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامالنى تىللاشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇنى تىللاش ئاللاھنى تىللىغاندەك بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە غەزەپلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ