1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

عن أبي قتادة الأنصاري رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا كان في سفر، فعَرَّس بليل اضطجع على يمينه، وإذا عَرَّس قُبَيْل الصُّبْح نصَب ذراعه، ووضَع رَأْسه على كَفِّه.

ئەبۇ قەتادە ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ يىتىشى، تاڭ ئېتىشتىن بىرئاز بۇرۇن چۈشسە قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ ئارام ئېلىشى سەپەردىكى سۈننىتى ئىدى. چۈنكى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جىسمىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجىنى بېرىش ئۈچۈن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلايتتى، ئەمما بامدات نامىزىغا يېقىن ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ كېتىپ، بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇخلايىتتى

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

15 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية