عن عائشة رضي الله عنها قالت:
سَأَلَ أُنَاسٌ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنِ الْكُهَّانِ، فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لَيْسُوا بِشَيْءٍ» قَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ، فَإِنَّهُمْ يُحَدِّثُونَ أَحْيَانًا بِالشَّيْءِ يَكُونُ حَقًّا، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «تِلْكَ الْكَلِمَةُ مِنَ الْحَقِّ يَخْطَفُهَا الْجِنِّيُّ فَيَقُرُّهَا فِي أُذُنِ وَلِيِّهِ قَرَّ الدَّجَاجَةِ، فَيَخْلِطُونَ فِيهَا أَكْثَرَ مِنْ مِائَةِ كَذْبَةٍ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭلار، ئاڭلىماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى چوڭايتىۋەتمەڭلار دېدى.
ساھابىلار: بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزى توغرا چىقىپ قالىدىكەنغۇ؟ خۇددى غەيبى ئىشتىن خەۋەر بېرىپ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنىدە مۇنداق ئىش بولىدۇ، دېسە، ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ سۆزىگە مۇۋاپىق كىلىپ يۈز بېرىدىكەنغۇ دېگەندە.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جىن ئاسماننىڭ خەۋىرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغاننى رەمبال-پالچىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئىلىپ چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، رەمبال-پالچىلار جىن يەتكۈزگەن بۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قېتىپ ئاڭلىتىدۇ دېدى».

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. رەمبال-پالچىلارغا ئېشىنىشتىن چەكلىدى، بەزى ۋاقىتتا توغرا چىقىپ قالسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى يالغان، توقۇلما سۆزدىن ئىبارەتتۇر.
  2. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىش بىلەن ئاسمانلار شەيتانلارنىڭ ۋەھيىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىندى، ئوت يۇلتۇزلىرى ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرمىدى.
  3. جىنلار ئۆزلىرىگە ئىنسانلاردىن سىرداش دوستلارنى تۇتىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ